6:52
وَلَا تَطْرُدِ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُم بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ ۖ مَا عَلَيْكَ مِنْ حِسَابِهِم مِّن شَيْءٍ وَمَا مِنْ حِسَابِكَ عَلَيْهِم مِّن شَيْءٍ فَتَطْرُدَهُمْ فَتَكُونَ مِنَ الظَّالِمِينَ
ئاللاھ نىڭ رازىلىقىنى دەپ ئەتىگەندە، ئاخشامدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى (يېنىڭدىن) قوغلىۋەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سەن جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن). سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن
7:205
وَاذْكُر رَّبَّكَ فِي نَفْسِكَ تَضَرُّعًا وَخِيفَةً وَدُونَ الْجَهْرِ مِنَ الْقَوْلِ بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ وَلَا تَكُن مِّنَ الْغَافِلِينَ
پەرۋەردىگارىڭنى يېلىنغان ۋە ئۇنىڭدىن قورققان ھالدا ئىچىڭدە ياد ئەتكىن، ئەتىگەندە - ئاخشامدا ئۇنى پەس ئاۋازدا زىكرى قىلغىن، غاپىللاردىن بولمىغىن
13:15
وَلِلَّهِ يَسْجُدُ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ طَوْعًا وَكَرْهًا وَظِلَالُهُم بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ ۩
ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىندىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر، ئىنسانلار ۋە جىنلار) ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا ئاللاھ قا بويسۇنىدۇ، ئەتىگەن – ئاخشامدا (يەنى داۋاملىق تۈردە) ئۇلارنىڭ سايىلىرىمۇ بويسۇنىدۇ
18:28
وَاصْبِرْ نَفْسَكَ مَعَ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُم بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ ۖ وَلَا تَعْدُ عَيْنَاكَ عَنْهُمْ تُرِيدُ زِينَةَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَلَا تُطِعْ مَنْ أَغْفَلْنَا قَلْبَهُ عَن ذِكْرِنَا وَاتَّبَعَ هَوَاهُ وَكَانَ أَمْرُهُ فُرُطًا
سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن - ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار (يەنى ئاجىز، كەمبەغەل مۇسۇلمانلار) بىلەن سەۋرچان بىللە بولغىن، ھاياتىي دۇنيانىڭ زىبۇزىننىتىنى (يەنى مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ سۆھبىتىنى) دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، ئىشى ھەددىدىن ئاشقان ئادەمنىڭ (سۆزى) گە ئەگەشمىگىن
24:36
فِي بُيُوتٍ أَذِنَ اللَّهُ أَن تُرْفَعَ وَيُذْكَرَ فِيهَا اسْمُهُ يُسَبِّحُ لَهُ فِيهَا بِالْغُدُوِّ وَالْآصَالِ
ئاللاھ نىڭ ئۇلۇغلىنىشى ۋە ئىسمىنىڭ ياد ئېتىلىشى بۇيرۇلغان مەسجىدلەردە (مۆمىنلەر) ئەتىگەن – ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ
59:18
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَلْتَنظُرْ نَفْسٌ مَّا قَدَّمَتْ لِغَدٍ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ تىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە (يەنى قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەردىن) نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، ئاللاھ تىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر