2:251
فَهَزَمُوهُم بِإِذْنِ اللَّهِ وَقَتَلَ دَاوُودُ جَالُوتَ وَآتَاهُ اللَّهُ الْمُلْكَ وَالْحِكْمَةَ وَعَلَّمَهُ مِمَّا يَشَاءُ ۗ وَلَوْلَا دَفْعُ اللَّهِ النَّاسَ بَعْضَهُم بِبَعْضٍ لَّفَسَدَتِ الْأَرْضُ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ ذُو فَضْلٍ عَلَى الْعَالَمِينَ
مۆمىنلەر ئاللاھ نىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەتنى (يەنى پەيغەمبەرلىكنى) بەردى. ئۇنىڭغا خالىغان نەرسىلىرىنى (يەنى پايدىلىق ئىلىملەرنى) بىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا (يەنى كۈچلۈك تاجاۋۇزچىغا ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان بىرسىنى ئاپىرىدە قىلمىسا) ئىدى، يەر يۈزى ئەلۋەتتە پاساتقا ئايلىناتتى (يەنى خارابلىققا يۈزلىنەتتى)، لېكىن ئاللاھ (يامانلىقنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلماسلىق بىلەن) پۈتۈن جاھان ئەھلىگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر
21:22
لَوْ كَانَ فِيهِمَا آلِهَةٌ إِلَّا اللَّهُ لَفَسَدَتَا ۚ فَسُبْحَانَ اللَّهِ رَبِّ الْعَرْشِ عَمَّا يَصِفُونَ
ئەگەر ئاسمان - زېمىندا ئاللاھ تىن باشقا ئىلاھلار بولسا ئىدى، (كائىناتنىڭ تەرتىپى) ئەلۋەتتە بۇزۇلاتتى، ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر
23:71
وَلَوِ اتَّبَعَ الْحَقُّ أَهْوَاءَهُمْ لَفَسَدَتِ السَّمَاوَاتُ وَالْأَرْضُ وَمَن فِيهِنَّ ۚ بَلْ أَتَيْنَاهُم بِذِكْرِهِمْ فَهُمْ عَن ذِكْرِهِم مُّعْرِضُونَ
ئەگەر ھەقىقەت (يەنى قۇرئان) ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا بويسۇنىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاسمانلار، زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلار خاراب بولغان بولاتتى، ئۇنداق بولغىنى يوق، ئۇلارغا (ۋەز - نەسىھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) قۇرئاننى ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئۆزلىرىگە (ۋەز - نەسىھەت بولغان) قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدۇ