31:3
هُدًى وَرَحْمَةً لِّلْمُحْسِنِينَ
(ئۇ) (تەئدىل ئەركان بىلەن) ناماز ئوقۇيدىغان، (ئاللاھ نىڭ رەزاسىنى تىلەش يۈزىسىدىن كۆڭۈل ئازادىلىكى بىلەن) زاكات بېرىدىغان ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدىغان ياخشى ئىش قىلغۇچى كىشىلەرگە ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر
46:12
وَمِن قَبْلِهِ كِتَابُ مُوسَىٰ إِمَامًا وَرَحْمَةً ۚ وَهَٰذَا كِتَابٌ مُّصَدِّقٌ لِّسَانًا عَرَبِيًّا لِّيُنذِرَ الَّذِينَ ظَلَمُوا وَبُشْرَىٰ لِلْمُحْسِنِينَ
قۇرئاندىن ئىلگىرى مۇسانىڭ كىتابى (يەنى تەۋرات) ئەھلى جاھانغا پېشۋا ۋە رەھمەت ئىدى. بۇ ئەرەب تىلىدىكى كىتابتۇر، (ئىلگىرىكى كىتابلارنى) تەستىق قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھ ئۇنى) زالىملارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ياخشى ئىش قىلغۇچى مۆمىنلەرگە (جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈن نازىل قىلدى