19:10
قَالَ رَبِّ اجْعَل لِّي آيَةً ۚ قَالَ آيَتُكَ أَلَّا تُكَلِّمَ النَّاسَ ثَلَاثَ لَيَالٍ سَوِيًّا
زەكەرىيا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! (ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا) ماڭا بىر ئالامەت قىلىپ بەرسەڭ». ئاللاھ ئېيتتى: «سېنىڭ ئالامىتىڭ (شۇكى) ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە - كۈندۈز كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن»
34:18
وَجَعَلْنَا بَيْنَهُمْ وَبَيْنَ الْقُرَى الَّتِي بَارَكْنَا فِيهَا قُرًى ظَاهِرَةً وَقَدَّرْنَا فِيهَا السَّيْرَ ۖ سِيرُوا فِيهَا لَيَالِيَ وَأَيَّامًا آمِنِينَ
ئۇلار بىلەن بىز بەرىكەتلىك قىلغان قىشلاقلار ئارىسىدا، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان (تۇتىشىپ كەتكەن) نۇرغۇن قىشلاقلارنى بەرپا قىلدۇق، ئۇلار ئارسىدىكى مېڭىشنى ئۆلچەملىك قىلدۇق (يەنى سەپەردە يېمەك - ئىچمەك ئېلىۋالمىسىمۇ بولىدىغان، ئەتىگەن چىققان يولۇچى چۈشتە بىر ئۆتەڭگە يېتىپ بارسا، كەچتە بىر ئۆتەڭگە يېتىپ بارىدىغان قىلدۇق)، (ئۇلارغا ئېيتتۇقكى) «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كېچىلەردە ۋە كۈندۈزلەردە تىنچ - ئامان مېڭىڭلار!»
69:7
سَخَّرَهَا عَلَيْهِمْ سَبْعَ لَيَالٍ وَثَمَانِيَةَ أَيَّامٍ حُسُومًا فَتَرَى الْقَوْمَ فِيهَا صَرْعَىٰ كَأَنَّهُمْ أَعْجَازُ نَخْلٍ خَاوِيَةٍ
ئاللاھ ئۇلارغا بوراننى يەتتە كېچە، سەككىز كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي ئاپىرىدە قىلدى، (ئاد) قەۋمىنىڭ (ئۆز ماكانلىرىدا ھالاك بولۇپ) خورما دەرىخىنىڭ پور كۆتەكلىرىدەك ياتقانلىقىنى كۆرۈسەن
89:2
وَلَيَالٍ عَشْرٍ
سۈبھى بىلەن، (زۇلھەججىنىڭ دەسلەپكى) ئون كېچىسى، بىلەن قۇربانلىق كۈنى بىلەن، قەسەمكى، (كاپىرلارغا ئازاب قىلىمىز)