4:9
وَلْيَخْشَ الَّذِينَ لَوْ تَرَكُوا مِنْ خَلْفِهِمْ ذُرِّيَّةً ضِعَافًا خَافُوا عَلَيْهِمْ فَلْيَتَّقُوا اللَّهَ وَلْيَقُولُوا قَوْلًا سَدِيدًا
(كىملەركى) ئۆزلىرىدىن قېلىپ قالىدىغان كىچىك بالىلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن قانداق ئەندىشە قىلىدىغان بولسا، باشقىلارنىڭ قېلىپ قالغان كىچىك بالىلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق ئەندىشە قىلسۇن، (يېتىملەرنىڭ ئىشىدا) ئاللاھ تىن قورقسۇن ۋە توغرا سۆزنى ئېيتسۇن
6:53
وَكَذَٰلِكَ فَتَنَّا بَعْضَهُم بِبَعْضٍ لِّيَقُولُوا أَهَٰؤُلَاءِ مَنَّ اللَّهُ عَلَيْهِم مِّن بَيْنِنَا ۗ أَلَيْسَ اللَّهُ بِأَعْلَمَ بِالشَّاكِرِينَ
ئۇلارنىڭ: «ئاللاھ ئارىمىزدىن (ھىدايەت قىلىش بىلەن) ئىنئام قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟» دېيىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر - بىرى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق (يەنى پېقىر، ئاجىز كىشىلەرنى ئىمان ئېيتقۇزۇش بىلەن، باي، چوڭ كىشىلەرنى سىنىدۇق). ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ (يەنى شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدۇ)
6:105
وَكَذَٰلِكَ نُصَرِّفُ الْآيَاتِ وَلِيَقُولُوا دَرَسْتَ وَلِنُبَيِّنَهُ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): (ئى مۇھەممەد!) سەن (قۇرئاننى باشقىلاردىن) ئۆگەندىڭ دەيدۇ دەپ، ھەقنى بىلىدىغان قەۋمگە بايان قىلىمىز دەپ، ئايەتلەرنى مۇشۇنداق شەكىللەردە بايان قىلدۇق