5:112
إِذْ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ يَا عِيسَى ابْنَ مَرْيَمَ هَلْ يَسْتَطِيعُ رَبُّكَ أَن يُنَزِّلَ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِّنَ السَّمَاءِ ۖ قَالَ اتَّقُوا اللَّهَ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىلار: «ئى مەريەم ئوغلى ئىسا! رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرۈپ بېرەلەمدۇ؟» دېدى. ئىسا: «ئەگەر (ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىگە) ئىشەنسەڭلار (مۇنداق سوئاللارنى بېرىشتە) ئاللاھ تىن قورقۇڭلار» دېدى
5:114
قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ اللَّهُمَّ رَبَّنَا أَنزِلْ عَلَيْنَا مَائِدَةً مِّنَ السَّمَاءِ تَكُونُ لَنَا عِيدًا لِّأَوَّلِنَا وَآخِرِنَا وَآيَةً مِّنكَ ۖ وَارْزُقْنَا وَأَنتَ خَيْرُ الرَّازِقِينَ
مەريەم ئوغلى ئىسا: «ئى پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ! بىزگە ئۈستىدە تاماق بار داستىخان چۈشۈرگىن، بۇ كۈن بىزلەرگە ۋە بىزدىن كېيىنكىلەرگە بايرام بولۇپ قالسۇن، ئۇ داستىخان سەندىن بىزگە (قۇدرىتىڭنى ۋە پەيغەمبەرلىكىمنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە بولۇپ قالسۇن. بىزگە رىزىق بەرگىن، سەن رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ياخشىسىسەن» دېدى