6:49
وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا يَمَسُّهُمُ الْعَذَابُ بِمَا كَانُوا يَفْسُقُونَ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، (ئاللاھ قا) ئىتائەتسىزلىكلىرى تۈپەيلىدىن، ئازابقا دۇچار بولىدۇ
7:201
إِنَّ الَّذِينَ اتَّقَوْا إِذَا مَسَّهُمْ طَائِفٌ مِّنَ الشَّيْطَانِ تَذَكَّرُوا فَإِذَا هُم مُّبْصِرُونَ
تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچرىسا، ئاللاھ نى ئەسلەيدۇ - دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋېلىپ، (شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن) خالاس تاپىدۇ
11:48
قِيلَ يَا نُوحُ اهْبِطْ بِسَلَامٍ مِّنَّا وَبَرَكَاتٍ عَلَيْكَ وَعَلَىٰ أُمَمٍ مِّمَّن مَّعَكَ ۚ وَأُمَمٌ سَنُمَتِّعُهُمْ ثُمَّ يَمَسُّهُم مِّنَّا عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئېيتىلدى (يەنى ئاللاھ ئېيتتى): «ئى نۇھ! ساڭا، سەن بىلەن (كېمىدە) بىللە بولغانلارنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىغا بىز تەرەپتىن نازىل بولغان ئامانلىق ۋە بەرىكەتلەر بىلەن (كېمىدىن) چۈشكىن، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەۋلادىنى (ھاياتىي دۇنيادىن) بەھرىمەن قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ قاتتىق ئازابىمىزغا دۇچار بولىدۇ»
15:48
لَا يَمَسُّهُمْ فِيهَا نَصَبٌ وَمَا هُم مِّنْهَا بِمُخْرَجِينَ
جەننەتتە ئۇلارغا چارچاش بولمايدۇ، ئۇلار جەننەتتىن چىقىرىۋېتىلمەيدۇ
39:61
وَيُنَجِّي اللَّهُ الَّذِينَ اتَّقَوْا بِمَفَازَتِهِمْ لَا يَمَسُّهُمُ السُّوءُ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
ئاللاھ (شېرىكتىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان يوللار ئارقىلىق (ئازابتىن) قۇتۇلدۇرىدۇ، ئۇلارغا كۈلپەت يەتمەيدۇ، ئۇلار قايغۇرمايدۇ