2:235
وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ فِيمَا عَرَّضْتُم بِهِ مِنْ خِطْبَةِ النِّسَاءِ أَوْ أَكْنَنتُمْ فِي أَنفُسِكُمْ ۚ عَلِمَ اللَّهُ أَنَّكُمْ سَتَذْكُرُونَهُنَّ وَلَٰكِن لَّا تُوَاعِدُوهُنَّ سِرًّا إِلَّا أَن تَقُولُوا قَوْلًا مَّعْرُوفًا ۚ وَلَا تَعْزِمُوا عُقْدَةَ النِّكَاحِ حَتَّىٰ يَبْلُغَ الْكِتَابُ أَجَلَهُ ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي أَنفُسِكُمْ فَاحْذَرُوهُ ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ غَفُورٌ حَلِيمٌ
ئىددىتى توشمىغان ئاياللارغا ئۇلارنى ئالىدىغانلىقىڭلارنى بۇرىتىپ ئۆتسەڭلار ياكى بۇنى دىلىڭلاردا يوشۇرۇن تۇتساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۇلارغا ئېغىز ئاچىدىغانلىقىڭلار ئاللاھ قا مەلۇمدۇر، لېكىن ئۇلار بىلەن يوشۇرۇن ۋەدىلىشىپ قويماڭلار، پەقەت (ئاشكارا ئېيتىلسا كىشى خىجىل بولمايدىغان) مۇۋاپىق سۆزنى قىلساڭلار بولىدۇ، ئىددىتى توشمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشقا بەل باغلىماڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ دىلىڭلاردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن (يەنى ئاللاھ نىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ جازالىنىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئاللاھ تىن قورقۇپ گۇناھتىن چەكلەنگەنلەرگە) ھەلىمدۇر (يەنى ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)
4:5
وَلَا تُؤْتُوا السُّفَهَاءَ أَمْوَالَكُمُ الَّتِي جَعَلَ اللَّهُ لَكُمْ قِيَامًا وَارْزُقُوهُمْ فِيهَا وَاكْسُوهُمْ وَقُولُوا لَهُمْ قَوْلًا مَّعْرُوفًا
ئاللاھ تىرىكچىلىكىڭلارنىڭ ئاساسى قىلغان ماللىرىڭلارنى ئەخمەقلەرگە تۇتقۇزۇپ قويماڭلار، ئۇلارنى يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكلەر بىلەن تەمىنلەڭلار. ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار
4:8
وَإِذَا حَضَرَ الْقِسْمَةَ أُولُو الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينُ فَارْزُقُوهُم مِّنْهُ وَقُولُوا لَهُمْ قَوْلًا مَّعْرُوفًا
تەقسىمات ۋاقتىدا (ۋارىس ئەمەس) تۇغقانلار، (تۇغقان ئەمەس) يېتىملەر ۋە مىسكىنلەر ھازىر بولسا، ئۇلارغا بۇنىڭدىن (يەنى تەرەكىدىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر ئاز نەرسە) بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار (يەنى بۇ كىچىكلەرنىڭ مېلى، بىزنىڭ ئەمەس دېگەنگە ئوخشاش ئۆزرىنى ئېيتىڭلار)
31:15
وَإِن جَاهَدَاكَ عَلَىٰ أَن تُشْرِكَ بِي مَا لَيْسَ لَكَ بِهِ عِلْمٌ فَلَا تُطِعْهُمَا ۖ وَصَاحِبْهُمَا فِي الدُّنْيَا مَعْرُوفًا ۖ وَاتَّبِعْ سَبِيلَ مَنْ أَنَابَ إِلَيَّ ۚ ثُمَّ إِلَيَّ مَرْجِعُكُمْ فَأُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
ئەگەر ئاتا - ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن)، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن
33:6
النَّبِيُّ أَوْلَىٰ بِالْمُؤْمِنِينَ مِنْ أَنفُسِهِمْ ۖ وَأَزْوَاجُهُ أُمَّهَاتُهُمْ ۗ وَأُولُو الْأَرْحَامِ بَعْضُهُمْ أَوْلَىٰ بِبَعْضٍ فِي كِتَابِ اللَّهِ مِنَ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُهَاجِرِينَ إِلَّا أَن تَفْعَلُوا إِلَىٰ أَوْلِيَائِكُم مَّعْرُوفًا ۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِي الْكِتَابِ مَسْطُورًا
پەيغەمبەر مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز نەپسىلىرىدىنمۇ چارىدۇر، پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى ئۇلارنىڭ ئانىلىرىدۇر، كىتابۇللاھتا ئۇرۇق - تۇغقانلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە (مىراس ئېلىشتا) مۆمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن يېقىندۇر، لېكىن (مۆمىنلەردىن ۋە مۇھاجىرلاردىن بولغان) دوستلىرىڭلارغا ۋەسىيەت قىلساڭلار دۇرۇس بولىدۇ، بۇ (يەنى تۇغقانلارنىڭ ئۆز ئارا مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشى) كىتابتا (يەنى ئاللاھ نىڭ كىتابىدا) يېزىلغاندۇر
33:32
يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ لَسْتُنَّ كَأَحَدٍ مِّنَ النِّسَاءِ ۚ إِنِ اتَّقَيْتُنَّ فَلَا تَخْضَعْنَ بِالْقَوْلِ فَيَطْمَعَ الَّذِي فِي قَلْبِهِ مَرَضٌ وَقُلْنَ قَوْلًا مَّعْرُوفًا
ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر، سىلەر (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار، (نازاكەت بىلەن سۆز قىلساڭلار) دىلىدا نىفاق بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، (گۇماندىن خالى) ياخشى سۆزنى سۆزلەڭلار