2:219
يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْخَمْرِ وَالْمَيْسِرِ ۖ قُلْ فِيهِمَا إِثْمٌ كَبِيرٌ وَمَنَافِعُ لِلنَّاسِ وَإِثْمُهُمَا أَكْبَرُ مِن نَّفْعِهِمَا ۗ وَيَسْأَلُونَكَ مَاذَا يُنفِقُونَ قُلِ الْعَفْوَ ۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَتَفَكَّرُونَ
(ئى مۇھەممەد!) سەندىن ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدا سورىشىدۇ، سەن ئۇلارغا: «بۇنىڭ ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە كىشىلەرگە (ئازغىنا ماددى) پايدىمۇ بار، لېكىن ئۇلاردىكى گۇناھ پايدىغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ» دېگىن، ئۇلار سەندىن نېمىنى سەدىقە قىلىش توغرۇلۇق سورايدۇ، «(ئېھتىياجدىن) ئارتۇقىنى (سەدىقە قىلىڭلار)» دېگىن. (دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىشلىرىنى) تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ ئۆز ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ
16:5
وَالْأَنْعَامَ خَلَقَهَا ۗ لَكُمْ فِيهَا دِفْءٌ وَمَنَافِعُ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ
ئاللاھ چارۋا ماللارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، ئۇلار (نىڭ يۇڭى ۋە تېرىسى) بىلەن ئىسسىنىسىلەر، ئۇلار (نىڭ نەسلى، سۈتى، سۆڭىكى ۋە قىغى) دىن پايدىلىنىسىلەر ۋە ئۇلار (نىڭ گۆشلىرى) نى يەيسىلەر
22:28
لِّيَشْهَدُوا مَنَافِعَ لَهُمْ وَيَذْكُرُوا اسْمَ اللَّهِ فِي أَيَّامٍ مَّعْلُومَاتٍ عَلَىٰ مَا رَزَقَهُم مِّن بَهِيمَةِ الْأَنْعَامِ ۖ فَكُلُوا مِنْهَا وَأَطْعِمُوا الْبَائِسَ الْفَقِيرَ
كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنى ۋە دۇنياۋى) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى ئاللاھ نىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) ئاللاھ نىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن». سىلەر قۇربانلىقلارنى گۆشىدىن يەڭلار، موھتاجقا، پېقىرغا بېرىڭلار
22:33
لَكُمْ فِيهَا مَنَافِعُ إِلَىٰ أَجَلٍ مُّسَمًّى ثُمَّ مَحِلُّهَا إِلَى الْبَيْتِ الْعَتِيقِ
مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى بوغۇزلايدىغان ۋاقىتقىچە قۇربانلىق ماللىرىدىن (سېغىپ، نەسىللەندۈرۈپ، مىنىپ) پايدىلىنىسىلەر، ئاندىن ئۇنى بوغۇزلاشقا تېگىشلىك جاي بەيتۇللاھنىڭ يېنىدۇر (يەنى (يەنى ھەرەمدۇر)
23:21
وَإِنَّ لَكُمْ فِي الْأَنْعَامِ لَعِبْرَةً ۖ نُّسْقِيكُم مِّمَّا فِي بُطُونِهَا وَلَكُمْ فِيهَا مَنَافِعُ كَثِيرَةٌ وَمِنْهَا تَأْكُلُونَ
چارۋىلاردا ھەقىقەتەن سىلەرگە ئىبرەت بار، ئۇلارنىڭ قورسىقىدىكى نەرسىلەر (يەنى سۈتلەر) بىلەن سىلەرنى سۇغىرىمىز، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، ئۇلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر
36:73
وَلَهُمْ فِيهَا مَنَافِعُ وَمَشَارِبُ ۖ أَفَلَا يَشْكُرُونَ
ئۇلار شۇ ھايۋانلاردىن پايدىلىنىدۇ ۋە سۈتلىرىنى ئىچىدۇ، ئۇلار (پەرۋەردىگارىنىڭ بۇ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟
40:80
وَلَكُمْ فِيهَا مَنَافِعُ وَلِتَبْلُغُوا عَلَيْهَا حَاجَةً فِي صُدُورِكُمْ وَعَلَيْهَا وَعَلَى الْفُلْكِ تُحْمَلُونَ
ئۇلار سىلەرگە نۇرغۇن پايدا كەلتۈرىدۇ، ئۇلارغا مىنىپ دىلىڭلارغا پۈككەن ھاجىتىڭلاردىن چىقىسىلەر، (قۇرۇقلۇقتا يۈك - تاقلىرىڭلارنى) ئۇلارغا ئارتىسىلەر، (دېڭىزدا) كېمىلەرگە قاچىلايسىلەر
57:25
لَقَدْ أَرْسَلْنَا رُسُلَنَا بِالْبَيِّنَاتِ وَأَنزَلْنَا مَعَهُمُ الْكِتَابَ وَالْمِيزَانَ لِيَقُومَ النَّاسُ بِالْقِسْطِ ۖ وَأَنزَلْنَا الْحَدِيدَ فِيهِ بَأْسٌ شَدِيدٌ وَمَنَافِعُ لِلنَّاسِ وَلِيَعْلَمَ اللَّهُ مَن يَنصُرُهُ وَرُسُلَهُ بِالْغَيْبِ ۚ إِنَّ اللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٌ
بىز ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلىرىمىزنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن ئەۋەتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ، كىتابنى، قانۇننى چۈشۈردۇق. تۆمۈرنى ياراتتۇق، (تۆمۈردىن ئۇرۇش قوراللىرى ياسىلىدىغانلىقى ئۈچۈن) تۆمۈر كۈچ - قۇۋۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۆمۈردە ئىنسانلار ئۈچۈن نۇرغۇن مەنپەئەتلەر بار، ئاللاھ ئاللاھ نى كۆرمەي تۇرۇپ (قوراللارنى ئىشلىتىپ) ئاللاھ قا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بەرگەنلەرنى بىلىش (مەلۇم قىلىش) ئۈچۈن (تۆمۈرنى ياراتتى)، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر