7:73
وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَالِحًا ۗ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ قَدْ جَاءَتْكُم بَيِّنَةٌ مِّن رَّبِّكُمْ ۖ هَٰذِهِ نَاقَةُ اللَّهِ لَكُمْ آيَةً ۖ فَذَرُوهَا تَأْكُلْ فِي أَرْضِ اللَّهِ ۖ وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
سەمۇدقا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق). ئۇ: «ئى قەۋمىم! ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن مۆجىزە كەلدى، مانا بۇ - ئاللاھ (بىۋاسىتە) ياراتقان چېشى تۆگىمۇ سىلەرگە مېنىڭ مۆجىزەمدۇر، ئۇنى ئاللاھ نىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارىي ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا، سىلەرنى قاتتىق ئازاب ھالاك قىلىدۇ
7:77
فَعَقَرُوا النَّاقَةَ وَعَتَوْا عَنْ أَمْرِ رَبِّهِمْ وَقَالُوا يَا صَالِحُ ائْتِنَا بِمَا تَعِدُنَا إِن كُنتَ مِنَ الْمُرْسَلِينَ
ئۇلار چىشى تۆگىنى بوغۇزلىدى، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى تۇتۇشتىن باش تارتتى ۋە ئى سالىھ: «راستتىنلا پەيغەمبەرلەردىن بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرۈپ باق» دېدى
11:64
وَيَا قَوْمِ هَٰذِهِ نَاقَةُ اللَّهِ لَكُمْ آيَةً فَذَرُوهَا تَأْكُلْ فِي أَرْضِ اللَّهِ وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابٌ قَرِيبٌ
ئى قەۋمىم! بۇ ئاللاھ (بىۋاسىتە) ياراتقان چىشى تۆگە سىلەرگە مېنىڭ مۆجىزەمدۇر، ئۇنى ئاللاھ نىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارى ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا سىلەرنى پات كېلىدىغان ئازاب ھالاك قىلىدۇ»
17:59
وَمَا مَنَعَنَا أَن نُّرْسِلَ بِالْآيَاتِ إِلَّا أَن كَذَّبَ بِهَا الْأَوَّلُونَ ۚ وَآتَيْنَا ثَمُودَ النَّاقَةَ مُبْصِرَةً فَظَلَمُوا بِهَا ۚ وَمَا نُرْسِلُ بِالْآيَاتِ إِلَّا تَخْوِيفًا
(قۇرەيش مۇشرىكلىرى تەلەپ قىلغان) مۆجىزىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرمەسلىكىمىز پەقەت بۇرۇنقىلار (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ) مۆجىزىلەرنى يالغانغا چىقارغانلىقى ئۈچۈندۇر، بىز سەمۇدقا چىشى تۆگىنى روشەن (مۆجىزە) قىلىپ بەردۇق، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. بىز مۆجىزىلەرنى پەقەت (بەندىلەرنى) قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز
26:155
قَالَ هَٰذِهِ نَاقَةٌ لَّهَا شِرْبٌ وَلَكُمْ شِرْبُ يَوْمٍ مَّعْلُومٍ
سالىھ ئېيتتى: «بۇ چىشى تۆگە (سۈيۈڭلاردىن بىر كۈن) ئىچىدۇ، سىلەرمۇ مۇئەييەن بىر كۈن ئىچىسىلەر
54:27
إِنَّا مُرْسِلُو النَّاقَةِ فِتْنَةً لَّهُمْ فَارْتَقِبْهُمْ وَاصْطَبِرْ
بىز ھەقىقەتەن سىناش ئۈچۈن ئۇلارغا چىشى تۆگىنى ئەۋەتىمىز، (ئى سالىھ) ئۇلارنى (ئۇلارنىڭ نېمە قىلارىنى) كۈتكىن، (ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن
91:13
فَقَالَ لَهُمْ رَسُولُ اللَّهِ نَاقَةَ اللَّهِ وَسُقْيَاهَا
ئۇلارغا ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام): «ئاللاھ نىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى