12:37
قَالَ لَا يَأْتِيكُمَا طَعَامٌ تُرْزَقَانِهِ إِلَّا نَبَّأْتُكُمَا بِتَأْوِيلِهِ قَبْلَ أَن يَأْتِيَكُمَا ۚ ذَٰلِكُمَا مِمَّا عَلَّمَنِي رَبِّي ۚ إِنِّي تَرَكْتُ مِلَّةَ قَوْمٍ لَّا يُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَهُم بِالْآخِرَةِ هُمْ كَافِرُونَ
يۇسۇف ئېيتتى: «ئىككىڭلارغا سىرتتىن تاماق كىرىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەلەيمەن، بۇ پەرۋەردىگارىم ماڭا بىلدۈرگەن نەرسىلەردىندۇر. شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھ قا ئىشەنمەيدىغان، ئاخىرەتنى ئىنكار قىلىدىغان قەۋمنىڭ دىنىنى تاشلىدىم
66:3
وَإِذْ أَسَرَّ النَّبِيُّ إِلَىٰ بَعْضِ أَزْوَاجِهِ حَدِيثًا فَلَمَّا نَبَّأَتْ بِهِ وَأَظْهَرَهُ اللَّهُ عَلَيْهِ عَرَّفَ بَعْضَهُ وَأَعْرَضَ عَن بَعْضٍ ۖ فَلَمَّا نَبَّأَهَا بِهِ قَالَتْ مَنْ أَنبَأَكَ هَٰذَا ۖ قَالَ نَبَّأَنِيَ الْعَلِيمُ الْخَبِيرُ
ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئاياللىرىدىن بىرىگە (يەنى ھەفسەگە) بىر سۆزنى يوشۇرۇن ئېيتقان ئىدى، ئۇ (يەنى ھەفسە) ئۇنى (ئائىشەگە) ئېيتىپ قويغان، ئاللاھ بولسا سىرنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى (پەيغەمبەرگە) بىلدۈرگەن چاغدا، ئۇ (يەنى پەيغەمبەر) ئۇنىڭغا (ھەفسەگە) ئۇ (يەنى ھەفسە) ئاشكارىلاپ قويغان سۆزلەرنىڭ بەزىسىنى ئېيتتى (يەنى يۈزىگە سالدى). بەزىسىنى ئېيتمىدى (يەنى يۈزىگە سالمىدى). پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئېيتقان چاغدا، ئۇ (يەنى ھەفسە): «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى، پەيغەمبەر: «ماڭا (بۇنى) ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھەممىدىن تولۇق خەۋەردار ئاللاھ خەۋەر قىلدى» دېدى