12:21
وَقَالَ الَّذِي اشْتَرَاهُ مِن مِّصْرَ لِامْرَأَتِهِ أَكْرِمِي مَثْوَاهُ عَسَىٰ أَن يَنفَعَنَا أَوْ نَتَّخِذَهُ وَلَدًا ۚ وَكَذَٰلِكَ مَكَّنَّا لِيُوسُفَ فِي الْأَرْضِ وَلِنُعَلِّمَهُ مِن تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ ۚ وَاللَّهُ غَالِبٌ عَلَىٰ أَمْرِهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
ئۇنى سېتىۋالغان مىسىرلىق ئادەم ئايالىغا: «ئۇنى ياخشى كۈتكىن، بىزگە ئەسقاتار ياكى بالا قىلىۋالارمىز» دېدى. شۇنىڭدەك (يەنى يۇسۇفنى قۇدۇقتىن قۇتقۇزغىنىمىزدەك) يۇسۇفنى (مىسىر) زېمىنىغا يەرلەشتۈردۈق، ئۇنىڭغا چۈش تەبىرىنى ئۈگەتتۇق، ئاللاھ (خالىغان) ئىشىنى ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ
18:21
وَكَذَٰلِكَ أَعْثَرْنَا عَلَيْهِمْ لِيَعْلَمُوا أَنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَأَنَّ السَّاعَةَ لَا رَيْبَ فِيهَا إِذْ يَتَنَازَعُونَ بَيْنَهُمْ أَمْرَهُمْ ۖ فَقَالُوا ابْنُوا عَلَيْهِم بُنْيَانًا ۖ رَّبُّهُمْ أَعْلَمُ بِهِمْ ۚ قَالَ الَّذِينَ غَلَبُوا عَلَىٰ أَمْرِهِمْ لَنَتَّخِذَنَّ عَلَيْهِم مَّسْجِدًا
ئۇلارنى ئۇخلىتىپ ئويغاتقىنىمىزدەك، كىشىلەرگە ئاللاھ نىڭ (قايتا تىرىلدۈرۈش توغرىسىدىكى) ۋەدىسىنىڭ ھەقلىقىنى ۋە قىيامەتنىڭ بولىدىغانلىقىدا شەك - شۈبھە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ئەسھابۇلكەھف قەبزى روھ قىلىنغاندىن كېيىن) ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئىشى ئۈستىدە دەتالاش قىلىشتى، بەزى كىشلەر: «(ئۇلارنىڭ يېنىغا ھېچ كىشىنىڭ كىرمەسلىكى ئۈچۈن) ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەتراپىغا (يەنى غارنىڭ ئىشىكىگە) بىر تام ئېتىڭلار» دېدى، ئاللاھ ئەسھابۇلكەھفنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ، گېپى ئۆتىدىغان باشلىقلار (يەنى پادىشاھ ۋە شەھەر كاتتىباشلىرى): «غارنىڭ ئەتراپىغا (يەنى غارنىڭ ئىشكى ئالدىغا) ئەلۋەتتە بىر مەسجىد سالايلى» دېدى
21:17
لَوْ أَرَدْنَا أَن نَّتَّخِذَ لَهْوًا لَّاتَّخَذْنَاهُ مِن لَّدُنَّا إِن كُنَّا فَاعِلِينَ
ئەگەر بىز ئىچ پۇشۇقى قىلماقچى بولساق، قېشىمىزدىكى نەرسىلەر بىلەن قىلاتتۇق، ئەگەر (شۇنى) ئىرادە قىلغان بولساق (لېكىن بۇ ئۇلۇغ زاتىمىزغا مۇھال بولغانلىقتىن بۇنداق قىلىشنى ئىرادە قىلمىدۇق)
25:18
قَالُوا سُبْحَانَكَ مَا كَانَ يَنبَغِي لَنَا أَن نَّتَّخِذَ مِن دُونِكَ مِنْ أَوْلِيَاءَ وَلَٰكِن مَّتَّعْتَهُمْ وَآبَاءَهُمْ حَتَّىٰ نَسُوا الذِّكْرَ وَكَانُوا قَوْمًا بُورًا
(ئىبادەت قىلىنغۇچىلار) ئېتىدۇ: «ئى ئاللاھ! سەن پاكتۇرسەن، سېنى قويۇپ باشقىلارنى دوست تۇتۇش (يەنى سەندىن باشقىغا چوقۇنۇش) بىزگە (ۋە سېنىڭ مەخلۇقاتىڭدىن ھېچ ئەھەدىگە) لايىق ئەمەس، لېكىن سەن ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – بوۋىلىرىنى شۇ قەدەر نېمەتكە چۈمدۈردۇڭكى، ئۇلار سېنى ياد ئېتىشىنى ئۇنتۇدى. ئۇلار ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدى»
28:9
وَقَالَتِ امْرَأَتُ فِرْعَوْنَ قُرَّتُ عَيْنٍ لِّي وَلَكَ ۖ لَا تَقْتُلُوهُ عَسَىٰ أَن يَنفَعَنَا أَوْ نَتَّخِذَهُ وَلَدًا وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
پىرئەۋن نىڭ ئايالى: «(بۇ بالا) ماڭا ۋە ساڭا كۆزنۇرى، (يەنى خۇشاللىق) بولسۇن، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار، بەلكى ئۇ بىزگە پايدا يەتكۈزەر ياكى ئۇنى ئوغۇل قىلىۋالارمىز» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار (پىرئەۋن نىڭ ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرىنىڭ ھالاكىتىنىڭ مۇسانىڭ قولىدا بولىدىغانلىقىنى) ئۇقمايتتى