4:114
لَّا خَيْرَ فِي كَثِيرٍ مِّن نَّجْوَاهُمْ إِلَّا مَنْ أَمَرَ بِصَدَقَةٍ أَوْ مَعْرُوفٍ أَوْ إِصْلَاحٍ بَيْنَ النَّاسِ ۚ وَمَن يَفْعَلْ ذَٰلِكَ ابْتِغَاءَ مَرْضَاتِ اللَّهِ فَسَوْفَ نُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا
ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتىىنىڭ تولىسىدا خەيرىيەت يوقتۇر. پەقەت سەدىقىغە ياكى ياخشىلىققا ياكى كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە ئەمر قىلغان كىشىلەر (نىڭ يوشۇرۇن سۆھبىتى) بۇنىڭدىن مۇستەسنا. كىمكى ئۇ (ئىش) لارنى ئاللاھ نىڭ رازىلىقىنى تىلەش يۈزىسىدىن قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىمىز
9:78
أَلَمْ يَعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ سِرَّهُمْ وَنَجْوَاهُمْ وَأَنَّ اللَّهَ عَلَّامُ الْغُيُوبِ
ئاللاھ نىڭ ئۇلارنىڭ ئىچكى سىرلىرىنى، (ئۆزئارا قىلىشقان) يوشۇرۇن سۆزلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، پۈتۈن غەيبلەرنى چوڭقۇر بىلىدىغانلىقىنى ئۇلار ئۇقمامدۇ؟
43:80
أَمْ يَحْسَبُونَ أَنَّا لَا نَسْمَعُ سِرَّهُمْ وَنَجْوَاهُم ۚ بَلَىٰ وَرُسُلُنَا لَدَيْهِمْ يَكْتُبُونَ
ئۇلار گۇمان قىلامدۇكى، بىز ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى ۋە پىچىرلاشقانلىقلىرىنى ئاڭلىمايمىز، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (ئۇنى ئاڭلاپ تۇرىمىز)، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلىرىمىز) ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى) يېزىپ تۇرىدۇ