7:53
هَلْ يَنظُرُونَ إِلَّا تَأْوِيلَهُ ۚ يَوْمَ يَأْتِي تَأْوِيلُهُ يَقُولُ الَّذِينَ نَسُوهُ مِن قَبْلُ قَدْ جَاءَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِالْحَقِّ فَهَل لَّنَا مِن شُفَعَاءَ فَيَشْفَعُوا لَنَا أَوْ نُرَدُّ فَنَعْمَلَ غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ ۚ قَدْ خَسِرُوا أَنفُسَهُمْ وَضَلَّ عَنْهُم مَّا كَانُوا يَفْتَرُونَ
ئۇلار (يەنى كۇففارلار) پەقەت (ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ) نەتىجىسىنىلا كۈتىدۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسى كەلگەن كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)، ئلگىرى كىتابقا ئەمەل قىلمىغانلار: ‹‹پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەلچىللىرى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى (بىز ئۇلارغا ئىمان ئېيتمىدۇق، بۈگۈن) بىزگە شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ ياكى گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ›› دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالدى، ئۇلارنىڭ ئاللاھ نىڭ شېرىكلىرى دەپ ئىپتىرا قىلغان مەبۇدلىرى ئۇلارنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى
16:28
الَّذِينَ تَتَوَفَّاهُمُ الْمَلَائِكَةُ ظَالِمِي أَنفُسِهِمْ ۖ فَأَلْقَوُا السَّلَمَ مَا كُنَّا نَعْمَلُ مِن سُوءٍ ۚ بَلَىٰ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
ئۇلار (كۇفرىنى ئىختىيار قىلىپ) ئۆزلىرىگە زىيان سالغان شارائىتتا، پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ. ئۇلار بويسۇنغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ھېچقانداق يامان ئىش قىلمىدۇق» (دەيدۇ). ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ سىلەنىڭ قىلمىشىڭلارنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر
32:12
وَلَوْ تَرَىٰ إِذِ الْمُجْرِمُونَ نَاكِسُو رُءُوسِهِمْ عِندَ رَبِّهِمْ رَبَّنَا أَبْصَرْنَا وَسَمِعْنَا فَارْجِعْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا إِنَّا مُوقِنُونَ
ئەگەر سەن گۇناھكارلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا باشلىرىنى ساڭگىلىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدىغان بولساڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالەتنى كۆرگەن بولاتتىڭ)، ئۇلار ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! (ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى) كۆردۇق، ئاڭلىدۇق. بىزنى ياخشى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن (دۇنياغا) قايتۇرغىن، بىز (ئەمدى) ھەقىقەتەن (سېنىڭ ۋەدەڭنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىشەنگۈچىلەرمىز»
35:37
وَهُمْ يَصْطَرِخُونَ فِيهَا رَبَّنَا أَخْرِجْنَا نَعْمَلْ صَالِحًا غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ ۚ أَوَلَمْ نُعَمِّرْكُم مَّا يَتَذَكَّرُ فِيهِ مَن تَذَكَّرَ وَجَاءَكُمُ النَّذِيرُ ۖ فَذُوقُوا فَمَا لِلظَّالِمِينَ مِن نَّصِيرٍ
ئۇلار دوزاختا: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادىكى ۋاقىتتا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (ئاللاھ ئېيتىدۇ) «سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز - نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز - نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق»