6:71
قُلْ أَنَدْعُو مِن دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَنفَعُنَا وَلَا يَضُرُّنَا وَنُرَدُّ عَلَىٰ أَعْقَابِنَا بَعْدَ إِذْ هَدَانَا اللَّهُ كَالَّذِي اسْتَهْوَتْهُ الشَّيَاطِينُ فِي الْأَرْضِ حَيْرَانَ لَهُ أَصْحَابٌ يَدْعُونَهُ إِلَى الْهُدَى ائْتِنَا ۗ قُلْ إِنَّ هُدَى اللَّهِ هُوَ الْهُدَىٰ ۖ وَأُمِرْنَا لِنُسْلِمَ لِرَبِّ الْعَالَمِينَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، بىز ئاللاھ نى قويۇپ، بىزگە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلامدۇق؟ بىزنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ (يەنى مۇرتەد بولامدۇق؟) (مۇبادا بىز شۇنداق قىلىدىغان بولساق، مۇنداق) بىر ئادەمگە: شەيتانلار ئۇنى بىر چۆلگە باشلاپ بارغان، (چۆلدە ئۇ) تېڭىرقاپ قالغان، دوستلىرى ئۇنى بېرى كەل دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان (ئۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلماي ئاخىر ھالاك بولغان ئادەمگە) ئوخشاپ قالىمىز. (بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، ئاللاھ نىڭ ھىدايىتى ھەقىقەتەن ھەقىقىي ھىدايەتتۇر، بىز ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇق
7:43
وَنَزَعْنَا مَا فِي صُدُورِهِم مِّنْ غِلٍّ تَجْرِي مِن تَحْتِهِمُ الْأَنْهَارُ ۖ وَقَالُوا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي هَدَانَا لِهَٰذَا وَمَا كُنَّا لِنَهْتَدِيَ لَوْلَا أَنْ هَدَانَا اللَّهُ ۖ لَقَدْ جَاءَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِالْحَقِّ ۖ وَنُودُوا أَن تِلْكُمُ الْجَنَّةُ أُورِثْتُمُوهَا بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئۆچمەنلىكلىرىنى ئېلىپ تاشلىدۇق (يەنى جەننەتكە كىرگەنلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ئاغرىق - ئاداۋەت بولمايدۇ). ئۇلارنىڭ (سارايلىرى) ئاستىدىن (جەننەتنىڭ) ئۆستەڭلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇلار: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى بۇ (نېمەتلەرنى ھاسىل قىلىشقا) يېتەكلىگەن ئاللاھ قا بولسۇنكى، ئاللاھ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، توغرا يول تاپمىغان بولاتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدى›› دەيدۇ، ئۇلارغا: «قىلغان ئەمەلىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بېرىلگەن جەننەت مانا مۇشۇ›› دەپ نىدا قىلىنىدۇ (يەنى پەرىشتىلەر شۇنداق دەپ نىدا قىلىدۇ)
14:12
وَمَا لَنَا أَلَّا نَتَوَكَّلَ عَلَى اللَّهِ وَقَدْ هَدَانَا سُبُلَنَا ۚ وَلَنَصْبِرَنَّ عَلَىٰ مَا آذَيْتُمُونَا ۚ وَعَلَى اللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ الْمُتَوَكِّلُونَ
ئاللاھ بىزنى (بىزنى تونۇيدىغان) يوللىرىمىزغا يېتەكلىگەن تۇرسا، نېمىشقا ئاللاھ قا تەۋەككۈل قىلمايلى؟ بىزگە يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىڭلارغا، ئەلۋەتتە، سەۋر قىلىمىز، تەۋەككۈل قىلغۇچىلار پەقەت ئاللاھ قا تەۋەككۈل قىلسۇن» دېدى
14:21
وَبَرَزُوا لِلَّهِ جَمِيعًا فَقَالَ الضُّعَفَاءُ لِلَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا إِنَّا كُنَّا لَكُمْ تَبَعًا فَهَلْ أَنتُم مُّغْنُونَ عَنَّا مِنْ عَذَابِ اللَّهِ مِن شَيْءٍ ۚ قَالُوا لَوْ هَدَانَا اللَّهُ لَهَدَيْنَاكُمْ ۖ سَوَاءٌ عَلَيْنَا أَجَزِعْنَا أَمْ صَبَرْنَا مَا لَنَا مِن مَّحِيصٍ
ئۇلار (يەنى خالايىقلار) نىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىدىن) چىقىپ، ئاللاھ قا مۇلاقات بولىدۇ، ئاجىزلىرى (يەنى ئەگەشكۈچىلىرى) مۇتەكەببىرلىرىگە (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار ئىدۇق، سىلەر بىزگە بولۇۋاتقان ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن ئازراق دەپئى قىلالامسىلەر؟» دەيدۇ. ئۇلار: «ئاللاھ بىزنى ھىدايەت قىلغان بولسا ئىدى، بىز ئەلۋەتتە سىلەرنى ھىدايەت قىلاتتۇق، بىز مەيلى نالە - پەرياد قىلايلى، مەيلى سەۋر قىلايلى، بەربىر ئوخشاش، بىزگە ھېچقانداق قاچىدىغان جاي يوق» دەيدۇ