2:160
إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا وَأَصْلَحُوا وَبَيَّنُوا فَأُولَٰئِكَ أَتُوبُ عَلَيْهِمْ ۚ وَأَنَا التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
پەقەت تەۋبە قىلغانلار، (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەر، يەھۇدىيلارنىڭ تەۋرات ئەھكاملىرىدىن يوشۇرغانلىرىنى) بايان قىلغانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن، مەن تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇرمەن. ناھايىتى مېھرىباندۇرمەن
3:89
إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا مِن بَعْدِ ذَٰلِكَ وَأَصْلَحُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
پەقەت تەۋبە قىلغانلار ۋە (بۇزۇق ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئاللاھ (مۇنداقلارغا) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مېھرىباندۇر
4:146
إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا وَأَصْلَحُوا وَاعْتَصَمُوا بِاللَّهِ وَأَخْلَصُوا دِينَهُمْ لِلَّهِ فَأُولَٰئِكَ مَعَ الْمُؤْمِنِينَ ۖ وَسَوْفَ يُؤْتِ اللَّهُ الْمُؤْمِنِينَ أَجْرًا عَظِيمًا
پەقەت (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلغان، (ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەن، ئاللاھ (نىڭ كىتابى) غا چىڭ يېپىشقان، دىننى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلغان (يەنى قىلغان ئەمەلىدىن پەقەت ئاللاھ نىڭ رازىلىقىنى كۆزلىگەن) كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلار مۆمىنلەر بىلەن بىللە (يەنى ئۇلارنىڭ قاتارىدا) دۇر. ئاللاھ مۆمىنلەرگە (ئاخىرەتتە جەننەتتىن ئىبارەت) بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ
8:1
بِسْمِ اللَّهِ الرَّحْمَٰنِ الرَّحِيمِ يَسْأَلُونَكَ عَنِ الْأَنفَالِ ۖ قُلِ الْأَنفَالُ لِلَّهِ وَالرَّسُولِ ۖ فَاتَّقُوا اللَّهَ وَأَصْلِحُوا ذَاتَ بَيْنِكُمْ ۖ وَأَطِيعُوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ
(ئى مۇھەممەد! ساھابىلىرىڭ) غەنىيمەتلەر (نى قانداق تەقسىم قىلىشىڭ) توغرۇلۇق سەندىن سورىشىدۇ، (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «غەنىيمەتلەر (توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش) ئاللاھ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاستۇر، ئاللاھ تىن قورقۇڭلار، (ئىختىلاپ قىلىشماي ئىتتىپاق بولۇپ) ئاراڭلارنى تۈزەڭلار، ئەگەر سىلەر مۆمىن بولساڭلار، ئاللاھ قا ۋە ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار»
16:119
ثُمَّ إِنَّ رَبَّكَ لِلَّذِينَ عَمِلُوا السُّوءَ بِجَهَالَةٍ ثُمَّ تَابُوا مِن بَعْدِ ذَٰلِكَ وَأَصْلَحُوا إِنَّ رَبَّكَ مِن بَعْدِهَا لَغَفُورٌ رَّحِيمٌ
شۈبھىسىزكى، بىلمەستىن يامان ئىشلارنى قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەرگە پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر
24:5
إِلَّا الَّذِينَ تَابُوا مِن بَعْدِ ذَٰلِكَ وَأَصْلَحُوا فَإِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
كېيىن تەۋبە قىلغان ۋە (ئەمەللىرىنى) تۈزەتكەنلەر (يەنى ئەفىفە ئاياللارغا قايتا تۆھمەت چاپلىمىغانلار) بۇنىڭدىن مۇستەسنا (ئۇلارنى كەچۈرۈڭلار، گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىڭلار)، چۈنكى ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر (يەنى بەندە تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تۈزەتسە، ئۇنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلىدۇ)، تولىمۇ مېھرىباندۇر