7:150
وَلَمَّا رَجَعَ مُوسَىٰ إِلَىٰ قَوْمِهِ غَضْبَانَ أَسِفًا قَالَ بِئْسَمَا خَلَفْتُمُونِي مِن بَعْدِي ۖ أَعَجِلْتُمْ أَمْرَ رَبِّكُمْ ۖ وَأَلْقَى الْأَلْوَاحَ وَأَخَذَ بِرَأْسِ أَخِيهِ يَجُرُّهُ إِلَيْهِ ۚ قَالَ ابْنَ أُمَّ إِنَّ الْقَوْمَ اسْتَضْعَفُونِي وَكَادُوا يَقْتُلُونَنِي فَلَا تُشْمِتْ بِيَ الْأَعْدَاءَ وَلَا تَجْعَلْنِي مَعَ الْقَوْمِ الظَّالِمِينَ
مۇسا غەزەپلەنگەن، غەمكىن ھالدا قايتىپ كېلىپ، قەۋمىگە: «مەن يوق چاغدا (موزايغا چوقۇنۇپ) نەقەدەر يامان ئىش قىلدىڭلار - ھە! (كۈتۈپ تۇرماي) پەرۋەردىگارىڭلار نىڭ ئەمرىگە ئالدىراپ كەتتىڭلارمۇ؟» دېدى ۋە (غەزەپلەنگەنلىكتىن تەۋرات) تاختىلىرىنى (يەرگە) تاشلىدى، قېرىندىشىنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ ئۆز تەرىپىگە تارتتى. (ھارۇن) ئېيتتى: «ئى قېرىندىشىم! (بۇ) قەۋم مېنى بوزەك تاپتى، مېنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى تاس قالدى. مېنى دۈشمەنلەرگە تەپەررۇج قىلىپ بەرمىگىن؟ مېنى زالىم قەۋم (يەنى موزايغا چوقۇنغانلار) قاتارىدا سانىمىغىن»
16:15
وَأَلْقَىٰ فِي الْأَرْضِ رَوَاسِيَ أَن تَمِيدَ بِكُمْ وَأَنْهَارًا وَسُبُلًا لَّعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ
زېمىننىڭ سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇنىڭدا تاغلارنى بەرپا قىلدى، (زىرائەتلىرىڭلارنى، چارۋا ماللىرىڭلارنى سۇغىرىشىڭلار ئۈچۈن) ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى، ئېزىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن يوللارنى پەيدا قىلدى
31:10
خَلَقَ السَّمَاوَاتِ بِغَيْرِ عَمَدٍ تَرَوْنَهَا ۖ وَأَلْقَىٰ فِي الْأَرْضِ رَوَاسِيَ أَن تَمِيدَ بِكُمْ وَبَثَّ فِيهَا مِن كُلِّ دَابَّةٍ ۚ وَأَنزَلْنَا مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَنبَتْنَا فِيهَا مِن كُلِّ زَوْجٍ كَرِيمٍ
ئاللاھ ئاسمانلارنى تۈۋرۈكسىز ياراتتىكى، سىلەر ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر، يەر تەۋرەپ سىلەرنى خاتىرجەمسىز قىلمىسۇن دەپ، يەردە تاغلارنى ئورناتتى، زېمىندا تۈرلۈك جاندارلارنى تاراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر سۈيىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن زېمىندا تۈرلۈك پايدىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق