2:275
الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا إِنَّمَا الْبَيْعُ مِثْلُ الرِّبَا ۗ وَأَحَلَّ اللَّهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا ۚ فَمَن جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِّن رَّبِّهِ فَانتَهَىٰ فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللَّهِ ۖ وَمَنْ عَادَ فَأُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ
جازانە، ئۆسۈم يېگەن ئادەملەر (قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن) جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشنى ھالال بىلىپ: «سودا - سېتىق، جازانىگە ئوخشاش (جازانە نېمىشقا ھارام بولىدۇ؟)» دېدى. ئاللاھ سودا - سېتىقنى ھالال قىلدى، جازانىنى، (بەدەلسىز بولغانلىقى، شەخسكە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن) ھارام قىلدى. كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز - نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن (يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن) يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھ قا تاپشۇرۇلىدۇ (يەنى ئاللاھ خالىسا ئۈنى كەچۈرىدۇ، خالىسا جازالايدۇ). قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ
42:38
وَالَّذِينَ اسْتَجَابُوا لِرَبِّهِمْ وَأَقَامُوا الصَّلَاةَ وَأَمْرُهُمْ شُورَىٰ بَيْنَهُمْ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنفِقُونَ
(دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) سىلەرگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسە دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر، ئىمان ئېيتقان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرگە، گۇناھى كەبرىلەردىن، قەبىھ ئىشلاردىن ساقلانغۇچىلارغا، دەرغەزەپ بولغانلىرىدا كەچۈرەلەيدىغانلارغا، پەرۋەردىگارىنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشالايدىغانلارغا، نامازنى (تەئدىل ئەركان بىلەن) ئۆتەيدىغانلارغا، ئىشلىرىنى مەسلىھەت بىلەن قارار قىلىدىغانلارغا، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەدىقە قىلىدىغانلارغا، ئۇچرىغان زۇلۇمغا قارشى تۇرالايدىغانلارغا ئاللاھ نىڭ ھۇزۇرىدىكى ساۋاب تېخىمۇ ياخشىدۇر، تېخىمۇ باقىدۇر