19:65
رَّبُّ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا فَاعْبُدْهُ وَاصْطَبِرْ لِعِبَادَتِهِ ۚ هَلْ تَعْلَمُ لَهُ سَمِيًّا
ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھ نىڭ ئىبادىتىگە چىداملىق بولغىن، سەن ئۇنىڭ شېرىكى بارلىقىنى بىلەمسەن؟
20:132
وَأْمُرْ أَهْلَكَ بِالصَّلَاةِ وَاصْطَبِرْ عَلَيْهَا ۖ لَا نَسْأَلُكَ رِزْقًا ۖ نَّحْنُ نَرْزُقُكَ ۗ وَالْعَاقِبَةُ لِلتَّقْوَىٰ
(ئى مۇھەممەد!) ئائىلەڭدىكىلەرنى (ۋە ئۈممىتىڭنى) نامازغا بۇيرۇغىن، ئۆزۈڭمۇ ئۇنى ئادا قىلىشقا چىداملىق بولغىن، سەندىن بىز رىزىق تەلەپ قىلمايمىز. ساڭا بىز رىزىق بېرىمىز، ياخشى ئاقىۋەت پەقەت تەقۋادارلارغا خاستۇر
54:27
إِنَّا مُرْسِلُو النَّاقَةِ فِتْنَةً لَّهُمْ فَارْتَقِبْهُمْ وَاصْطَبِرْ
بىز ھەقىقەتەن سىناش ئۈچۈن ئۇلارغا چىشى تۆگىنى ئەۋەتىمىز، (ئى سالىھ) ئۇلارنى (ئۇلارنىڭ نېمە قىلارىنى) كۈتكىن، (ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن