19:33
وَالسَّلَامُ عَلَيَّ يَوْمَ وُلِدتُّ وَيَوْمَ أَمُوتُ وَيَوْمَ أُبْعَثُ حَيًّا
مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، تىرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە (ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىمەن»
20:47
فَأْتِيَاهُ فَقُولَا إِنَّا رَسُولَا رَبِّكَ فَأَرْسِلْ مَعَنَا بَنِي إِسْرَائِيلَ وَلَا تُعَذِّبْهُمْ ۖ قَدْ جِئْنَاكَ بِآيَةٍ مِّن رَّبِّكَ ۖ وَالسَّلَامُ عَلَىٰ مَنِ اتَّبَعَ الْهُدَىٰ
سىلەر پىرئەۋننىڭ يېنىغا بېرىپ، بىز ئىككىمىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسى بولىمىز، ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋەتكىن، بىز بىلەن كەتسۇن، ئۇلارنى قىينىمىغىن. ساڭا بىز ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مۆجىزىسىنى ئېلىپ كەلدۇق، توغرا يولغا ئەگەشكەن ئادەم (ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن) ئامان قالىدۇ