2:112
بَلَىٰ مَنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَلَهُ أَجْرُهُ عِندَ رَبِّهِ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
ئۇنداق ئەمەس، كىمكى ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھ قا تاپشۇرىدىكەن (يەنى ئاللاھ نىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، ئەمەلىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىدىكەن)، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋابتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) ھېچ قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ بولمايدۇ
4:125
وَمَنْ أَحْسَنُ دِينًا مِّمَّنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ وَاتَّبَعَ مِلَّةَ إِبْرَاهِيمَ حَنِيفًا ۗ وَاتَّخَذَ اللَّهُ إِبْرَاهِيمَ خَلِيلًا
ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھ قا تاپشۇرغان (يەنى ئاللاھ نىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ ئەمەلىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلغان)، باتىل دىنلاردىن بۇرالغان ھالدا ئىبىراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىن (دىنىي جەھەتتە) ياخشىراق ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ئىبىراھىمنى دوست تۇتتى
5:108
ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَن يَأْتُوا بِالشَّهَادَةِ عَلَىٰ وَجْهِهَا أَوْ يَخَافُوا أَن تُرَدَّ أَيْمَانٌ بَعْدَ أَيْمَانِهِمْ ۗ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاسْمَعُوا ۗ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ
بۇ (ئۇسۇل) گۇۋاھچىلارنى ئەڭ گۇۋاھلىق قىلىدىغان قىلىشقا، قىلغان قەسىمىنى رەت قىلىشتىن (يەنى ئۇلاردىن كېيىن باشقىلار قەسەم قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ رەسۋا بولۇشىدىن) قورقىدىغان قىلىشقا ئەڭ يېقىن (ئۇسۇل) دۇر. ئاللاھ تىن قورقۇڭلار، (ئاللاھ نىڭ ئەمرىنى) ئاڭلاڭلار. ئاللاھ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
6:52
وَلَا تَطْرُدِ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُم بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ ۖ مَا عَلَيْكَ مِنْ حِسَابِهِم مِّن شَيْءٍ وَمَا مِنْ حِسَابِكَ عَلَيْهِم مِّن شَيْءٍ فَتَطْرُدَهُمْ فَتَكُونَ مِنَ الظَّالِمِينَ
ئاللاھ نىڭ رازىلىقىنى دەپ ئەتىگەندە، ئاخشامدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى (يېنىڭدىن) قوغلىۋەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سەن جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن). سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن
12:96
فَلَمَّا أَن جَاءَ الْبَشِيرُ أَلْقَاهُ عَلَىٰ وَجْهِهِ فَارْتَدَّ بَصِيرًا ۖ قَالَ أَلَمْ أَقُل لَّكُمْ إِنِّي أَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
خۇش خەۋەرچى كېلىپ كۆڭلەكنى يەئقۇبنىڭ يۈزىگە تاشلىدى، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلدى، يەئقۇب: «مەن سىلەرگە، ئاللاھ نىڭ بىلدۈرىشى بىلەن سىلەر بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىمەن، دېمىگەنمىدىم» دېدى
16:58
وَإِذَا بُشِّرَ أَحَدُهُم بِالْأُنثَىٰ ظَلَّ وَجْهُهُ مُسْوَدًّا وَهُوَ كَظِيمٌ
ئۇلارنىڭ بىرەرسىگە (خوتۇنىنىڭ) قىز تۇغقانلىق خوش خەۋىرى يەتكۈزۈلسە، چىرايى ئۆزگىرىپ، غەزەپناك بولۇپ كېتىدۇ
16:76
وَضَرَبَ اللَّهُ مَثَلًا رَّجُلَيْنِ أَحَدُهُمَا أَبْكَمُ لَا يَقْدِرُ عَلَىٰ شَيْءٍ وَهُوَ كَلٌّ عَلَىٰ مَوْلَاهُ أَيْنَمَا يُوَجِّههُّ لَا يَأْتِ بِخَيْرٍ ۖ هَلْ يَسْتَوِي هُوَ وَمَن يَأْمُرُ بِالْعَدْلِ ۙ وَهُوَ عَلَىٰ صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ
ئاللاھ يەنە مۇنداق مىسال كەلتۈرىدۇ؛ مۇنداق ئىككى ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ھېچ ئىش قىلالمايدىغان ۋە ئىگىسىگە يۈك بولۇپ قالغان بىر گاچادۇركى، ئىگىسى بۇ گاچىنى مەيلى قەيەرگە ئەۋەتسۇن، ئۇ ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، يەنە بىرى بولسا ئۆزى توغرا يولدا ماڭغان ۋە (كىشىلەرنى) ھەققانىي بولۇشقا بۇيرۇيدىغان ئادەمدۇر، بۇ ئىككى ئادەم ئوخشاشمۇ؟ (يەنى بۇ گاچا بىلەن ئۆزى توغرا يولدا تۇرۇپ پاساھەتلىك سۆزلەيدىغان، ئۆزى قۇرئان نۇرى بىلەن نۇرلانغان ئادەم بىر - بىرىگە ئوخشامدۇ؟ ئەقىللىق ئادەمنىڭ ئۇلارنى ئوخشاش ئورۇنغا قويمىغىنىدەك، بۇت ۋە تاشنى ھەممىنى بىلگۈچى قۇدرەتلىك ئاللاھ بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا قويغىلى بولمايدۇ)
18:28
وَاصْبِرْ نَفْسَكَ مَعَ الَّذِينَ يَدْعُونَ رَبَّهُم بِالْغَدَاةِ وَالْعَشِيِّ يُرِيدُونَ وَجْهَهُ ۖ وَلَا تَعْدُ عَيْنَاكَ عَنْهُمْ تُرِيدُ زِينَةَ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۖ وَلَا تُطِعْ مَنْ أَغْفَلْنَا قَلْبَهُ عَن ذِكْرِنَا وَاتَّبَعَ هَوَاهُ وَكَانَ أَمْرُهُ فُرُطًا
سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئەتىگەن - ئاخشامدا ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدىغانلار (يەنى ئاجىز، كەمبەغەل مۇسۇلمانلار) بىلەن سەۋرچان بىللە بولغىن، ھاياتىي دۇنيانىڭ زىبۇزىننىتىنى (يەنى مۇشرىكلارنىڭ چوڭلىرىنىڭ سۆھبىتىنى) دەپ، ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قالمىغىن، بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن، ئىشى ھەددىدىن ئاشقان ئادەمنىڭ (سۆزى) گە ئەگەشمىگىن
22:11
وَمِنَ النَّاسِ مَن يَعْبُدُ اللَّهَ عَلَىٰ حَرْفٍ ۖ فَإِنْ أَصَابَهُ خَيْرٌ اطْمَأَنَّ بِهِ ۖ وَإِنْ أَصَابَتْهُ فِتْنَةٌ انقَلَبَ عَلَىٰ وَجْهِهِ خَسِرَ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةَ ۚ ذَٰلِكَ هُوَ الْخُسْرَانُ الْمُبِينُ
بەزىلەر ئاللاھ قا شەك - شۈبھە بىلەن (يەنى تۇراقسىز ھالدا) ئىبادەت قىلىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ياخشىلىق يەتسە دىنىدا تۇرىدۇ (بۇنداق ئادەم مۇناپىق بولۇپ، ئاللاھ قا دىلى بىلەن ئەمەس پەقەت تىلى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ)، ئەگەر ئۇنىڭغا بەختسىزلىك يەتسە دىنىدىن يېنىۋالىدۇ، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ، بۇ روشەن زىياندۇر
28:88
وَلَا تَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَٰهًا آخَرَ ۘ لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۚ كُلُّ شَيْءٍ هَالِكٌ إِلَّا وَجْهَهُ ۚ لَهُ الْحُكْمُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
ئاللاھ قا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلما، ئاللاھ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ نىڭ زاتىدىن باشقا بارلىق نەرسە يوقىلىدۇ، (مەخلۇقاتتا ئىجرا بولىدىغان) ھۆكۈم پەقەت ئاللاھ قا خاستۇر، سىلەر ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر
31:22
وَمَن يُسْلِمْ وَجْهَهُ إِلَى اللَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَقَدِ اسْتَمْسَكَ بِالْعُرْوَةِ الْوُثْقَىٰ ۗ وَإِلَى اللَّهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ
ياخشى ئىش قىلغۇچى بولغان ھالدا ئىخلاس بىلەن ئاللاھ قا بويسۇنغان ئادەم مەھكەم تۇتقىغا ئېسىلغان بولىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھ قا مەنسۇپتۇر
39:24
أَفَمَن يَتَّقِي بِوَجْهِهِ سُوءَ الْعَذَابِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ وَقِيلَ لِلظَّالِمِينَ ذُوقُوا مَا كُنتُمْ تَكْسِبُونَ
قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازابنى يۈزى بىلەن مۇداپىئە قىلىدىغان ئادەم (ئازابقا دۇچار بولمايدىغان ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟) زالىملارغا (يەنى كاپىرلارغا): «قىلغان گۇناھىڭلارنىڭ جازاسىنى تېتىڭلار» (دېيىلىدۇ)
43:17
وَإِذَا بُشِّرَ أَحَدُهُم بِمَا ضَرَبَ لِلرَّحْمَٰنِ مَثَلًا ظَلَّ وَجْهُهُ مُسْوَدًّا وَهُوَ كَظِيمٌ
ئەگەر ئۇلارنىڭ بىرىگە مەرھەمەتلىك ئاللاھ قا مەسەل قىلغان نەرسە (يەنى قىز بالا) بىلەن بېشارەت بېرىلسە (يەنى خوتۇنىنىڭ قىز تۇغقانلىقى خەۋەر قىلىنسا)، قايغۇغا چۆمگەن ھالدا ئۇنىڭ يۈزى قارىداپ كېتىدۇ
51:29
فَأَقْبَلَتِ امْرَأَتُهُ فِي صَرَّةٍ فَصَكَّتْ وَجْهَهَا وَقَالَتْ عَجُوزٌ عَقِيمٌ
ئىبراھىمنىڭ ئايالى سۈرەن سېلىپ كېلىپ (ئەجەبلەنگەنلكىدىن ئۆزىنىڭ) يۈزىنى كاچاتلاپ: «مەن تۇغماس موماي تۇرسام (قانداق تۇغىمەن؟)» دېدى
67:22
أَفَمَن يَمْشِي مُكِبًّا عَلَىٰ وَجْهِهِ أَهْدَىٰ أَمَّن يَمْشِي سَوِيًّا عَلَىٰ صِرَاطٍ مُّسْتَقِيمٍ
زادى قايسى ئادەم يول تاپالايدۇ؟ بېشىنى ساڭگىلىتىپ ماڭغان ئادەممۇ؟ ياكى قەددىنى رۇس تۇتۇپ تۈز يولدا ماڭغان ئادەممۇ؟