18:18
وَتَحْسَبُهُمْ أَيْقَاظًا وَهُمْ رُقُودٌ ۚ وَنُقَلِّبُهُمْ ذَاتَ الْيَمِينِ وَذَاتَ الشِّمَالِ ۖ وَكَلْبُهُم بَاسِطٌ ذِرَاعَيْهِ بِالْوَصِيدِ ۚ لَوِ اطَّلَعْتَ عَلَيْهِمْ لَوَلَّيْتَ مِنْهُمْ فِرَارًا وَلَمُلِئْتَ مِنْهُمْ رُعْبًا
(مۇبادا ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، كۆزلىرىنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە ئۆرۈلۈپ تۇرىدىغانلىقتىن) ئۇلارنى ئويغاق دەپ ئويلايسەن، ھالبۇكى، ئۇلار ئۇيقۇدىدۇر، ئۇلارنى بىز ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئۆرۈپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ئىتى (غار) نىڭ بوسۇغىسىغا ئىككى پۇتنى سوزۇپ ياتىدۇ، ئەگەر ئۇلارنى كۆرىدىغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن قاتتىق قورقۇپ، يۈز ئۆرۈپ چوقۇم قاچقان بولاتتىڭ
21:85
وَإِسْمَاعِيلَ وَإِدْرِيسَ وَذَا الْكِفْلِ ۖ كُلٌّ مِّنَ الصَّابِرِينَ
ئىسمائىل، ئىدرىس ۋە زۇلكىفللارنىڭ (قىسسىسىنى باياق قىلغىن). (ئۇلارنىڭ) ھەممىسى سەۋرلىك ئىدى (يەنى ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشتا چىداملىق ئىدى ۋە گۇناھلار ئالدىدا ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالاتتى)
21:87
وَذَا النُّونِ إِذ ذَّهَبَ مُغَاضِبًا فَظَنَّ أَن لَّن نَّقْدِرَ عَلَيْهِ فَنَادَىٰ فِي الظُّلُمَاتِ أَن لَّا إِلَٰهَ إِلَّا أَنتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنتُ مِنَ الظَّالِمِينَ
يۇنۇسنىڭ (قىسسىنى بايان قىلغىن) ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (قەۋمنىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) خاپا بولۇپ (شەھىرىدىن) چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىزنى (بېلىقنىڭ قارنىدا) ئۆزىنى قىسمايدۇ دەپ ئويلىدى، ئۇ قاراڭغۇلۇقتا (يەنى بېلىقنى قارنىدا): «(پەرۋەردىگارىم) سەندىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، سەن (جىمى كەمچىلىكلەردىن) پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن (ئۆز نەپسىمگە) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم» دەپ نىدا قىلدى
38:48
وَاذْكُرْ إِسْمَاعِيلَ وَالْيَسَعَ وَذَا الْكِفْلِ ۖ وَكُلٌّ مِّنَ الْأَخْيَارِ
ئىسمائىلنى، ئىليەسەنى ۋە زۇلكىفلنى ئەسلىگىن، (ئۇلارنىڭ) ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر