6:30
وَلَوْ تَرَىٰ إِذْ وُقِفُوا عَلَىٰ رَبِّهِمْ ۚ قَالَ أَلَيْسَ هَٰذَا بِالْحَقِّ ۚ قَالُوا بَلَىٰ وَرَبِّنَا ۚ قَالَ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنتُمْ تَكْفُرُونَ
ئەگەر ئۇلارنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (غايەت چوڭ ئىشنى كۆرۈسەن). ئاللاھ ئۇلارغا: «بۇ (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) راست ئەمەسمىكەن؟» دەيدۇ. ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەمكى، راست ئىكەن» دەيدۇ. ئاللاھ: «كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ
21:112
قَالَ رَبِّ احْكُم بِالْحَقِّ ۗ وَرَبُّنَا الرَّحْمَٰنُ الْمُسْتَعَانُ عَلَىٰ مَا تَصِفُونَ
(پەيغەمبەر ئېيتتى) «پەرۋەردىگارىم! (مېنىڭ بىلەن مەككە كۇففارلىرىنىڭ ئارىسىدا) ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز مەرھەمەتلىك ئاللاھ دۇر، سىلەرنىڭ بوھتان سۆزلىرىڭلارغا قارشى ئاللاھ تىن ياردەم تىلەيمەن
46:34
وَيَوْمَ يُعْرَضُ الَّذِينَ كَفَرُوا عَلَى النَّارِ أَلَيْسَ هَٰذَا بِالْحَقِّ ۖ قَالُوا بَلَىٰ وَرَبِّنَا ۚ قَالَ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنتُمْ تَكْفُرُونَ
كاپىرلار دوزاخقا توغرىلىنىدىغان كۈندە (ئۇلارغا): «بۇ (يەنى سىلەر تېتىۋاتقان ئازاب) راست ئەمەسمۇ؟» (دېيىلىدۇ) ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە راستتۇر» دەيدۇ، ئاللاھ (ئۇلارغا): «كاپىر بولغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ