8:26
وَاذْكُرُوا إِذْ أَنتُمْ قَلِيلٌ مُّسْتَضْعَفُونَ فِي الْأَرْضِ تَخَافُونَ أَن يَتَخَطَّفَكُمُ النَّاسُ فَآوَاكُمْ وَأَيَّدَكُم بِنَصْرِهِ وَرَزَقَكُم مِّنَ الطَّيِّبَاتِ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ
ياد ئېيتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر (مەككە) زېمىنىدا ئاز سانلىق بولۇپ، بوزەك قىلىنغان ئىدىڭلار، كىشىلەر (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تالان - تاراج قىلىشىدىن قورقاتتىڭلار، شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى (مەدىنىدە) يەرلەشتۈردى، (بەدرى ئۇرۇشىدا) ئۆز ياردىمى بىلەن سىلەرنى كۈچلەندۈردى. سىلەرگە ھالال نەرسىلەر (يەنى غەنىيمەتلەر) نى رىزىق قىلىپ بەردى
16:72
وَاللَّهُ جَعَلَ لَكُم مِّنْ أَنفُسِكُمْ أَزْوَاجًا وَجَعَلَ لَكُم مِّنْ أَزْوَاجِكُم بَنِينَ وَحَفَدَةً وَرَزَقَكُم مِّنَ الطَّيِّبَاتِ ۚ أَفَبِالْبَاطِلِ يُؤْمِنُونَ وَبِنِعْمَتِ اللَّهِ هُمْ يَكْفُرُونَ
ئاللاھ سىلەر (نىڭ ئۇنى - ئۈلپەت ئېلىشىڭلار) ئۈچۈن خوتۇنۇڭلارنى ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتتى، سىلەر ئۈچۈن ئۇلاردىن ئوغۇللارنى ۋە نەۋرىلەرنى ياراتتى. سىلەرگە تۈرلۈك شېرىن نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئۇلار باتىلغا (يەنى بۇتلارغا) ئىشىنىپ ئاللاھ نىڭ نېمىتىگە كۇفرىلىق قىلامدۇ؟
40:64
اللَّهُ الَّذِي جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ قَرَارًا وَالسَّمَاءَ بِنَاءً وَصَوَّرَكُمْ فَأَحْسَنَ صُوَرَكُمْ وَرَزَقَكُم مِّنَ الطَّيِّبَاتِ ۚ ذَٰلِكُمُ اللَّهُ رَبُّكُمْ ۖ فَتَبَارَكَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ
ئاللاھ سىلەرگە زېمىننى تۇرالغۇ، ئاسماننى بىنا قىلدى. سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى. سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى. سىلەرگە (تۈرلۈك) پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى. ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ نىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر