5:43
وَكَيْفَ يُحَكِّمُونَكَ وَعِندَهُمُ التَّوْرَاةُ فِيهَا حُكْمُ اللَّهِ ثُمَّ يَتَوَلَّوْنَ مِن بَعْدِ ذَٰلِكَ ۚ وَمَا أُولَٰئِكَ بِالْمُؤْمِنِينَ
ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاللاھ نىڭ ھۆكمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەۋرات تۇرسا (يەنى تەۋراتتىكى ھۆكۈملەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمايۋاتسا)، (ئى مۇھەممەد) قانداقچە سېنى ھۆكۈم چىقىرىشقا تەكلىپ قىلىدۇ؟ ئاندىن كېيىن (يەنى ھەقىقەت ئاشكارا بولغاندىن كېيىن) سېنىڭ ھۆكمىڭدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ئەنە شۇلار (تەۋراتقىمۇ، ساڭىمۇ) ئىشەنمىگۈچىلەردۇر
6:59
وَعِندَهُ مَفَاتِحُ الْغَيْبِ لَا يَعْلَمُهَا إِلَّا هُوَ ۚ وَيَعْلَمُ مَا فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ ۚ وَمَا تَسْقُطُ مِن وَرَقَةٍ إِلَّا يَعْلَمُهَا وَلَا حَبَّةٍ فِي ظُلُمَاتِ الْأَرْضِ وَلَا رَطْبٍ وَلَا يَابِسٍ إِلَّا فِي كِتَابٍ مُّبِينٍ
غەيبنىڭ خەزىنىلىرى ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ، قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ، (دەرەختىن) تۆكۈلگەن ياپراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق، مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى (ئاللاھ قا مەلۇم بولۇپ) لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىقلىقتۇر
13:39
يَمْحُو اللَّهُ مَا يَشَاءُ وَيُثْبِتُ ۖ وَعِندَهُ أُمُّ الْكِتَابِ
ئاللاھ (ئەھكاملاردىن) خالىغىنىنى بىكار قىلىدۇ، خالىغىنىنى ئۆز جايىدا قالدۇرىدۇ. لەۋھۇلمەھپۇز ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدىدۇر
37:48
وَعِندَهُمْ قَاصِرَاتُ الطَّرْفِ عِينٌ
ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەرلىرىدىن غەيرىيگە كۆز سالمايدىغان شەھلا كۆزلۈك (جۈپتىلەر) بولىدۇ
38:52
وَعِندَهُمْ قَاصِرَاتُ الطَّرْفِ أَتْرَابٌ
ئۇلارنىڭ يانلىرىدا ئەرلىرىدىن غەيرىيگە كۆز سالمايدىغان، ياش قۇرامى ئوخشاش جۈپتىلىرى بولىدۇ
43:85
وَتَبَارَكَ الَّذِي لَهُ مُلْكُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَعِندَهُ عِلْمُ السَّاعَةِ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان زات كاتتىدۇر، قىيامەتنىڭ (بولىدىغان ۋاقتى) توغرىسىدىكى بىلىم ھەقىقەتەن (يالغۇر) ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدىدۇر. سىلەر ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر