2:35
وَقُلْنَا يَا آدَمُ اسْكُنْ أَنتَ وَزَوْجُكَ الْجَنَّةَ وَكُلَا مِنْهَا رَغَدًا حَيْثُ شِئْتُمَا وَلَا تَقْرَبَا هَٰذِهِ الشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ الظَّالِمِينَ
بىز (ئادەمگە): «ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ (يەنى ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار! جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ - ئىچىڭلار، بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار (يەنى مېۋىسىدىن يېمەڭلار)، بولمىسا (ئۆزۈڭلارغا) زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر» دېدۇق
2:36
فَأَزَلَّهُمَا الشَّيْطَانُ عَنْهَا فَأَخْرَجَهُمَا مِمَّا كَانَا فِيهِ ۖ وَقُلْنَا اهْبِطُوا بَعْضُكُمْ لِبَعْضٍ عَدُوٌّ ۖ وَلَكُمْ فِي الْأَرْضِ مُسْتَقَرٌّ وَمَتَاعٌ إِلَىٰ حِينٍ
شەيتان ئۇ ئىككىسىنى تېيىلدۇردى (يەنى مەنئى قىلىنغان دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈپ خاتالاشتۇردى)، تۇرۇۋاتقان جەننەتتىن چىقاردى. (ئادەمگە، ھەۋۋاغا، ئىبلىسقا) «بىر - بېرىڭلار بىلەن ئۆچەكەشكەن ھالدا (جەننەتتىن يەر يۈزىگە) چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق (ئەجىلىڭلار توشقۇچە) يەرلىشىڭلار ۋە (نېمەتلەردىن) بەھرىمەن بولۇڭلار» دېدۇق
4:154
وَرَفَعْنَا فَوْقَهُمُ الطُّورَ بِمِيثَاقِهِمْ وَقُلْنَا لَهُمُ ادْخُلُوا الْبَابَ سُجَّدًا وَقُلْنَا لَهُمْ لَا تَعْدُوا فِي السَّبْتِ وَأَخَذْنَا مِنْهُم مِّيثَاقًا غَلِيظًا
(تەۋرات شەرىئىتىنى قوبۇل قىلمىغانلىقلىرى سەۋەبلىك) ئۇلاردىن ئەھدە ئالماق ئۈچۈن ئۈستىگە تۇر (تېغى) نى تىكلەپ قويدۇق، ئۇلارغا: «(بەيتۇلمۇقەددەس) دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار» دېدۇق ھەمدە ئۇلارغا: «شەنبىنىڭ ھۆرمىتىنى ساقلاڭلار (يەنى شەنبىدە بېلىق تۇتۇش بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار)» دېدۇق. ئۇلاردىن (بۇ ھەقتە) مەھكەم ۋەدە ئالدۇق
12:31
فَلَمَّا سَمِعَتْ بِمَكْرِهِنَّ أَرْسَلَتْ إِلَيْهِنَّ وَأَعْتَدَتْ لَهُنَّ مُتَّكَأً وَآتَتْ كُلَّ وَاحِدَةٍ مِّنْهُنَّ سِكِّينًا وَقَالَتِ اخْرُجْ عَلَيْهِنَّ ۖ فَلَمَّا رَأَيْنَهُ أَكْبَرْنَهُ وَقَطَّعْنَ أَيْدِيَهُنَّ وَقُلْنَ حَاشَ لِلَّهِ مَا هَٰذَا بَشَرًا إِنْ هَٰذَا إِلَّا مَلَكٌ كَرِيمٌ
ئۇ (يەنى زۈلەيخا) ئۇلارنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا (مېھماندارچىلىققا چاقىرىپ) ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلارغا (يۆلىنىدىغان) تەكىيە ياستۇقلارنى تەييارلىدى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن پىچاق بەردى. (زۈلەيخا يۇسۇفكە) «سەن چىقىپ ئۇلار بىلەن كۆرۈشكىن دېدى، ئۇلار يۇسۇفنى كۆرۈپ ھاڭ تاڭ بولۇپ قېلىشتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىنى كېسىۋېلىشتى. ئۇلار: «(بۇنداق چىرايلىق ئىنساننى ياراتقان) ئاللاھ پاكتۇر، بۇ ئادەمزات ئەمەس، پەقەت بىر ئېسىل پەرىشتىدۇر» دېيىشتى
17:104
وَقُلْنَا مِن بَعْدِهِ لِبَنِي إِسْرَائِيلَ اسْكُنُوا الْأَرْضَ فَإِذَا جَاءَ وَعْدُ الْآخِرَةِ جِئْنَا بِكُمْ لَفِيفًا
پىرئەۋننى غەرق قىلىۋەتكەندىن كېيىن، بىز ئىسرائىل ئەۋلادىغا: «(مىسىر) زېمىنىدا تۇرۇڭلار، ئاخىرەت ۋەدىسى (يەنى قىيامەت) كەلگەن چاغدا سىلەرنى (قەبرەڭلاردىن مەھشەرگاھقا) (كاپىرلار بىلەن مۆمىنلەرنى) ئارىلاش ئېلىپ كېلىمىز» دېدۇق
33:32
يَا نِسَاءَ النَّبِيِّ لَسْتُنَّ كَأَحَدٍ مِّنَ النِّسَاءِ ۚ إِنِ اتَّقَيْتُنَّ فَلَا تَخْضَعْنَ بِالْقَوْلِ فَيَطْمَعَ الَّذِي فِي قَلْبِهِ مَرَضٌ وَقُلْنَ قَوْلًا مَّعْرُوفًا
ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر باشقا ئاياللارنىڭ ھېچبىرىگە ئوخشىمايسىلەر، سىلەر (يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا) نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار، (نازاكەت بىلەن سۆز قىلساڭلار) دىلىدا نىفاق بار ئادەم (سىلەرگە قارىتا) تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، (گۇماندىن خالى) ياخشى سۆزنى سۆزلەڭلار
67:9
قَالُوا بَلَىٰ قَدْ جَاءَنَا نَذِيرٌ فَكَذَّبْنَا وَقُلْنَا مَا نَزَّلَ اللَّهُ مِن شَيْءٍ إِنْ أَنتُمْ إِلَّا فِي ضَلَالٍ كَبِيرٍ
ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس، بىزگە ھەقىقەتەن ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن، بىز (ئۇنى) ئىنكار قىلدۇق ھەمدە بىز: ‹ئاللاھ (ھېچ ئادەمگە ۋەھيىدىن) بىرەر نەرسە نازىل قىلىنغىنى يوق، سىلەر پەقەت چوڭقۇر ئازغۇنلۇقتا› دېدۇق» دەيدۇ