17:12
وَجَعَلْنَا اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ آيَتَيْنِ ۖ فَمَحَوْنَا آيَةَ اللَّيْلِ وَجَعَلْنَا آيَةَ النَّهَارِ مُبْصِرَةً لِّتَبْتَغُوا فَضْلًا مِّن رَّبِّكُمْ وَلِتَعْلَمُوا عَدَدَ السِّنِينَ وَالْحِسَابَ ۚ وَكُلَّ شَيْءٍ فَصَّلْنَاهُ تَفْصِيلًا
كېچە بىلەن كۈندۈزنى (كامالى قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) ئىككى ئالامەت قىلدۇق، كېچىنىڭ ئالامىتىنى كۆتۈرۈۋەتتۇق، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ پەزلىنى تەلەپ قىلىشىڭلار (يەنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تېپىش يولىدا سەئيى ھەرىكەتتە بولۇشۇڭلار) ئۈچۈن، (كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى ئارقىلىق كۈنلەرنىڭ، ئايلارنىڭ) يىللارنىڭ سانىنى ۋە ھېسابىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزنىڭ ئالامىتىنى يورۇقلۇق قىلدۇق، (دىنىي ۋە دۇنياۋى) ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەپسىلىي بايان قىلدۇق
20:71
قَالَ آمَنتُمْ لَهُ قَبْلَ أَنْ آذَنَ لَكُمْ ۖ إِنَّهُ لَكَبِيرُكُمُ الَّذِي عَلَّمَكُمُ السِّحْرَ ۖ فَلَأُقَطِّعَنَّ أَيْدِيَكُمْ وَأَرْجُلَكُم مِّنْ خِلَافٍ وَلَأُصَلِّبَنَّكُمْ فِي جُذُوعِ النَّخْلِ وَلَتَعْلَمُنَّ أَيُّنَا أَشَدُّ عَذَابًا وَأَبْقَىٰ
پىرئەۋن ئېيتتى: «سىلەر مەن رۇخسەت بېرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن چوڭۇڭلار ئىكەن، مەن چوقۇم سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى، پۇتلىرىڭلارنى ئوڭ - چەپ قىلىپ (يەنى ئوڭ قول بىلەن سول پۇتنى، ئوڭ پۇت بىلەن سول قولنى) كېسىپ تاشلايمەن، سىلەرنى چوقۇم خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن، سىلەر قايسىمىزنىڭ (يەنى مېنىڭ ياكى مۇسانىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ) ئازابىنىڭ ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىسىلەر»
28:13
فَرَدَدْنَاهُ إِلَىٰ أُمِّهِ كَيْ تَقَرَّ عَيْنُهَا وَلَا تَحْزَنَ وَلِتَعْلَمَ أَنَّ وَعْدَ اللَّهِ حَقٌّ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
ئانىسىنىڭ خۇشال بولۇشى، قايغۇرماسلىقى ۋە ئاللاھ نىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىشى ئۈچۈن بىز مۇسانى ئۇنىڭغا قايتۇردۇق، لېكىن ئىنسالارنىڭ تولىسى (ئاللاھ نىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى) بىلمەيدۇ
38:88
وَلَتَعْلَمُنَّ نَبَأَهُ بَعْدَ حِينٍ
بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۇنىڭ راستلىقىنى چوقۇم بىلىسىلەر»