9:56
وَيَحْلِفُونَ بِاللَّهِ إِنَّهُمْ لَمِنكُمْ وَمَا هُم مِّنكُمْ وَلَٰكِنَّهُمْ قَوْمٌ يَفْرَقُونَ
ئۇلار: «بىز چوقۇم سىلەر (يەنى سىلەرگە ئوخشاش مۇسۇلمانلار) دىن» دەپ، ئاللاھ بىلەن قەسەم ئىچىدۇ. ئۇلار سىلەردىن ئەمەس، لېكىن ئۇلار (زىيان - زەخمەتكە ئۇچراشتىن قورقۇپ، ئاغزىدا مۇسۇلمان بولغان) قورقۇنچاق قەۋمدۇر
58:14
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ تَوَلَّوْا قَوْمًا غَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِم مَّا هُم مِّنكُمْ وَلَا مِنْهُمْ وَيَحْلِفُونَ عَلَى الْكَذِبِ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
ئاللاھ نىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان قەۋمنى ئۇلارنىڭ دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار سىلەرگىمۇ ۋە ئۇ قەۋمگىمۇ (يەنى يەھۇدىيلارغىمۇ) مەنسۇپ ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ يالغاندىن قەسەم ئىچىدۇ