34:6
وَيَرَى الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ الَّذِي أُنزِلَ إِلَيْكَ مِن رَّبِّكَ هُوَ الْحَقَّ وَيَهْدِي إِلَىٰ صِرَاطِ الْعَزِيزِ الْحَمِيدِ
ئىلىم بېرىلگەنلەر (يەنى ساھابىلەر ۋە كېيىنكى ئەمەل قىلغۇچى ئۆلىمالار) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرئاننىڭ شۈبھىسىز ھەق ئىكەنلىكىنى، (ئىنسانلارنى) غالىب، ھەمدۇساناغا لايىق ئاللاھ نىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىنى بىلىدۇ