3:75
وَمِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مَنْ إِن تَأْمَنْهُ بِقِنطَارٍ يُؤَدِّهِ إِلَيْكَ وَمِنْهُم مَّنْ إِن تَأْمَنْهُ بِدِينَارٍ لَّا يُؤَدِّهِ إِلَيْكَ إِلَّا مَا دُمْتَ عَلَيْهِ قَائِمًا ۗ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا لَيْسَ عَلَيْنَا فِي الْأُمِّيِّينَ سَبِيلٌ وَيَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭدا كۆپ مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭدا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تۇرمىغىچە (يەنى قايتا - قايتا سۈيلىمىگىچە) ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار: «ئۈممىلەرنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ (يەنى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلارنىڭ ماللىرى بىزگە ھارام ئەمەس)» دېدى، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ
3:78
وَإِنَّ مِنْهُمْ لَفَرِيقًا يَلْوُونَ أَلْسِنَتَهُم بِالْكِتَابِ لِتَحْسَبُوهُ مِنَ الْكِتَابِ وَمَا هُوَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَقُولُونَ هُوَ مِنْ عِندِ اللَّهِ وَمَا هُوَ مِنْ عِندِ اللَّهِ وَيَقُولُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُمْ يَعْلَمُونَ
ئۇلاردىن (يەنى يەھۇدىيلاردىن) بىر تۈركۈمى كىتابتا بولمىغان نەرسىلەرنى، سىلەرنىڭ كىتابتا بار ئىكەن دەپ ئويلىشىڭلار ئۈچۈن، تىللىرىنى ئەگرى - بۈگرى قىلىپ ئوقۇيدۇ ۋە ئۇنى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ئەمەس، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ
4:46
مِّنَ الَّذِينَ هَادُوا يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ عَن مَّوَاضِعِهِ وَيَقُولُونَ سَمِعْنَا وَعَصَيْنَا وَاسْمَعْ غَيْرَ مُسْمَعٍ وَرَاعِنَا لَيًّا بِأَلْسِنَتِهِمْ وَطَعْنًا فِي الدِّينِ ۚ وَلَوْ أَنَّهُمْ قَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا وَاسْمَعْ وَانظُرْنَا لَكَانَ خَيْرًا لَّهُمْ وَأَقْوَمَ وَلَٰكِن لَّعَنَهُمُ اللَّهُ بِكُفْرِهِمْ فَلَا يُؤْمِنُونَ إِلَّا قَلِيلًا
يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە كىتابنىڭ (يەنى تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلارمۇ بار، ئۇلار: «بىز (سۆزۈڭنى) ئاڭلىدۇق، (ئەمرىڭگە) بويسۇنمىدۇق، بىزگە قۇلاق سال، بىز ساڭا قۇلاق سالمايمىز» دەيدۇ، دىنغا تەنە قىلىش يۈزىسىدىن، رائىنا دېگەن سۆزنى تىللىرىنى ئەگرى قىلىپ ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇلار (يۇقىرىقى سۆزلىرىنىڭ ئورنىغا) ئاڭلىدۇق ۋە بويسۇندۇق، قۇلاق سال، ئۇنزۇرنا دېسە، ئۇلار ئۈچۈن (ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا) تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ توغرا بولاتتى، لېكىن كۇفرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى. ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى ئىمان ئېيتمايدۇ
4:51
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ أُوتُوا نَصِيبًا مِّنَ الْكِتَابِ يُؤْمِنُونَ بِالْجِبْتِ وَالطَّاغُوتِ وَيَقُولُونَ لِلَّذِينَ كَفَرُوا هَٰؤُلَاءِ أَهْدَىٰ مِنَ الَّذِينَ آمَنُوا سَبِيلًا
كىتابتىن نېسىۋە بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار بۇتقا ۋە شەيتانغا ئىشىنىدۇ، كاپىرلارنى كۆرسىتىپ: «بۇلار (يەنى قۇرەيش كۇففارلىرى) نىڭ يولى ئىمان ئېيتقانلارنىڭكىدىن تېخىمۇ توغرىدۇر» دەيدۇ
4:81
وَيَقُولُونَ طَاعَةٌ فَإِذَا بَرَزُوا مِنْ عِندِكَ بَيَّتَ طَائِفَةٌ مِّنْهُمْ غَيْرَ الَّذِي تَقُولُ ۖ وَاللَّهُ يَكْتُبُ مَا يُبَيِّتُونَ ۖ فَأَعْرِضْ عَنْهُمْ وَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ وَكِيلًا
ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار): «ئەمرىڭگە ئىتائەت قىلدۇق» دەيدۇ، سېنىڭ يېنىڭدىن چىقىپ كەتكەن چاغدا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى ئۆزلىرىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى ئەمرىڭگە خىلاپلىق قىلىدۇ)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆزگەرتكەنلىرىنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ (يەنى پەرىشتىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى يېزىشقا بۇيرۇيدۇ). سەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن (يەنى كەچۈرگىن)، ئاللاھ قا تەۋەككۈل قىلغىن (تەۋەككۈل قىلغۇچىغا) ئاللاھ نىڭ ھامىيلىقى يېتەرلىكتۇر
4:150
إِنَّ الَّذِينَ يَكْفُرُونَ بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ وَيُرِيدُونَ أَن يُفَرِّقُوا بَيْنَ اللَّهِ وَرُسُلِهِ وَيَقُولُونَ نُؤْمِنُ بِبَعْضٍ وَنَكْفُرُ بِبَعْضٍ وَيُرِيدُونَ أَن يَتَّخِذُوا بَيْنَ ذَٰلِكَ سَبِيلًا
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ نى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىسىنى (ئاللاھ قا ئىشىنىپ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمەيمىز دېيىش بىلەن) ئاجرىتىۋەتمەكچى بولغانلار، (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر - ئۇنىڭ (يەنى ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ) ئارىسىدا (ئوتتۇرا) يول تۇتماقچى بولغانلار
5:53
وَيَقُولُ الَّذِينَ آمَنُوا أَهَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ أَقْسَمُوا بِاللَّهِ جَهْدَ أَيْمَانِهِمْ ۙ إِنَّهُمْ لَمَعَكُمْ ۚ حَبِطَتْ أَعْمَالُهُمْ فَأَصْبَحُوا خَاسِرِينَ
(بۇ مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان ھىيلە - مىكرى پاش قىلىنغاندا) مۆمىنلەر (بىر - بىرىگە): «سىلەر بىلەن چوقۇم بىللە ئىكەنلىكلىرىگە ئاللاھ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشكەنلەرمۇ شۇ كىشىلەرمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) قىلغان ئەمەللىرى بىكار بولدى، ئۇلار (دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) زىيان تارتقۇچى بولدى
7:169
فَخَلَفَ مِن بَعْدِهِمْ خَلْفٌ وَرِثُوا الْكِتَابَ يَأْخُذُونَ عَرَضَ هَٰذَا الْأَدْنَىٰ وَيَقُولُونَ سَيُغْفَرُ لَنَا وَإِن يَأْتِهِمْ عَرَضٌ مِّثْلُهُ يَأْخُذُوهُ ۚ أَلَمْ يُؤْخَذْ عَلَيْهِم مِّيثَاقُ الْكِتَابِ أَن لَّا يَقُولُوا عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ وَدَرَسُوا مَا فِيهِ ۗ وَالدَّارُ الْآخِرَةُ خَيْرٌ لِّلَّذِينَ يَتَّقُونَ ۗ أَفَلَا تَعْقِلُونَ
ئۇلاردىن كېيىن، (يامان) ئەۋلادلار تەۋراتقا ۋارىسلىق قىلدى، ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ ئەرزىمەس پۇل - مېلىنى (ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىماي، قارىقويۇق) ئالىدۇ، ۋە بىزنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، دەيدۇ. شۇنداق پۇل - مال ئۇلارنىڭ قولىغا كەلسە، ئۇلار يەنە ئالىدۇ. كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) ئاللاھ قا (يالغان چاپلىماي) پەقەت ھەقنىلا ئېيتىشلىرى توغرۇلۇق ئۇلاردىن چىڭ ۋەدە ئېلىنمىدىمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇلار تەۋراتتىكى نەرسىلەرنى ئوقۇغان ئىدى. ھارامنى تەرك ئېتىپ، ئاللاھ تىن قورقىدىغانلارغا ئاخىرەت ياخشىدۇر، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟
9:61
وَمِنْهُمُ الَّذِينَ يُؤْذُونَ النَّبِيَّ وَيَقُولُونَ هُوَ أُذُنٌ ۚ قُلْ أُذُنُ خَيْرٍ لَّكُمْ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَيُؤْمِنُ لِلْمُؤْمِنِينَ وَرَحْمَةٌ لِّلَّذِينَ آمَنُوا مِنكُمْ ۚ وَالَّذِينَ يُؤْذُونَ رَسُولَ اللَّهِ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەيغەمبەرگە (سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق) ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ ۋە (پەيغەمبەرنى) «ئاڭلىغان نەرسىسىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىدۇ» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «(دۇرۇس، ئۇ) سىلەرگە پايدىلىق سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئىشىنىدۇ، ئاللاھ نىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ، مۆمىنلەرنىڭ سۆزىگە (ئۇلارنىڭ ئىخلاسىنى بىلگەنلىكتىن) ئىشىنىدۇ، ئۇ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ئۈچۈن رەھمەتتۇر» ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرىگە ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
10:18
وَيَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنفَعُهُمْ وَيَقُولُونَ هَٰؤُلَاءِ شُفَعَاؤُنَا عِندَ اللَّهِ ۚ قُلْ أَتُنَبِّئُونَ اللَّهَ بِمَا لَا يَعْلَمُ فِي السَّمَاوَاتِ وَلَا فِي الْأَرْضِ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
ئۇلار ئاللاھ نى قويۇپ، ئۆزلىرىگە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، «بۇلار (يەنى بۇتلار) ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلغۇچىلار» دېيىشىدۇ، ئەجەبا، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا بۇنداق نەرسە (يەنى ئاللاھ نىڭ شېرىكى ياكى شاپائەت قىلغۇچى) بولۇپ، ئۇنى ئاللاھ بىلمەي قېلىپ، سىلەر ئاللاھ قا ئۇنى ئېيتىپ بېرەمسىلەر؟ ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە يۈكسەكتۇر
10:20
وَيَقُولُونَ لَوْلَا أُنزِلَ عَلَيْهِ آيَةٌ مِّن رَّبِّهِ ۖ فَقُلْ إِنَّمَا الْغَيْبُ لِلَّهِ فَانتَظِرُوا إِنِّي مَعَكُم مِّنَ الْمُنتَظِرِينَ
ئۇلار (يەنى ئەھلى مەككە): «نېمىشقا ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (بىز تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەردىن) بىر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «غەيبنى بىلىش پەقەت ئاللاھ قا خاس (مۆجىزىلەرنى ئاللاھ كەلتۈرىدۇ، مەن پەقەت تەبلىغ قىلغۇچىمەن)، سىلەر (ئاللاھ نىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقىرىشنى) كۈتۈڭلار، شۈبھىسىزكى، مەنمۇ سىلەر بىلەن (شۇنى) كۈتكۈچىلەردىنمەن»
10:48
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار (بىزگە ئېيتىپ بېرىڭلاركى) بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ؟» دەيدۇ
11:18
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا ۚ أُولَٰئِكَ يُعْرَضُونَ عَلَىٰ رَبِّهِمْ وَيَقُولُ الْأَشْهَادُ هَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ كَذَبُوا عَلَىٰ رَبِّهِمْ ۚ أَلَا لَعْنَةُ اللَّهِ عَلَى الظَّالِمِينَ
(ئاللاھ نىڭ شېرىكى بار، بالىسى بار دەپ) ئاللاھ قا يالغاننى چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئەنە شۇلار (قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىغا توغرىلىنىدۇ، گۇۋاھچىلار: «بۇلار پەرۋەردىگارى ھەققىدە يالغان سۆزلىگەنلەردۇر» دەيدۇ. راستلا ئاللاھ نىڭ لەنىتى زالىملارغا بولىدۇ (يەنى ئاللاھ زالىملارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)
13:7
وَيَقُولُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْلَا أُنزِلَ عَلَيْهِ آيَةٌ مِّن رَّبِّهِ ۗ إِنَّمَا أَنتَ مُنذِرٌ ۖ وَلِكُلِّ قَوْمٍ هَادٍ
كۇففارلار نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە نازىل بولمىدى؟ دېيىشىدۇ، سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى. ھەر قەۋمنىڭ بىر ھىدايەت قىلغۇچىسى (يەنى پەيغەمبىرى) بولىدۇ (مۆجىزىلەرگە كەلسەك. ئۇ ئاللاھ نىڭ ئىلكىدىكى ئىش)
13:27
وَيَقُولُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْلَا أُنزِلَ عَلَيْهِ آيَةٌ مِّن رَّبِّهِ ۗ قُلْ إِنَّ اللَّهَ يُضِلُّ مَن يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَنْ أَنَابَ
كۇففارلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن (مۇسانىڭ ۋە ئىسانىڭ مۆجىزىسىدەك) بىرەر مۆجىزە كەلمىدى؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) «(ئىش ئاللاھ نىڭ ئىلكىدە، مېنىڭ ئىلكىمدە ئەمەس) ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ» دېگىن
13:43
وَيَقُولُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَسْتَ مُرْسَلًا ۚ قُلْ كَفَىٰ بِاللَّهِ شَهِيدًا بَيْنِي وَبَيْنَكُمْ وَمَنْ عِندَهُ عِلْمُ الْكِتَابِ
(ئى مۇھەممەد!) مەككە كۇففارلىرى: «سەن پەيغەمبەر ئەمەسسەن» دەيدۇ. ئېيتقىنكى، «راستلىقىمغا سىلەر بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ئاللاھ نىڭ گۇۋاھلىقى ۋە ئاللاھ نىڭ كىتابىنى بىلىدىغانلار (يەنى ئەھلى كىتاب ئۆلىمالىرىدىن ئىمان ئېيتقانلار) نىڭ گۇۋاھلىقى يېتەرلىكتۇر»
16:27
ثُمَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يُخْزِيهِمْ وَيَقُولُ أَيْنَ شُرَكَائِيَ الَّذِينَ كُنتُمْ تُشَاقُّونَ فِيهِمْ ۚ قَالَ الَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ إِنَّ الْخِزْيَ الْيَوْمَ وَالسُّوءَ عَلَى الْكَافِرِينَ
ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى قىيامەت كۈنى رەسۋا قىلىدۇ، (ئۇلارغا كايىپ) «مېنىڭ شېرىكلىرىم قېنى قەيەردە؟ سىلەر ئۇلار توغرىسىدا (پەيغەمبەرلەر بىلەن) مۇنازىرىلىشەتتىڭلارغۇ؟» دەيدۇ. ئىلىم بېرىگەنلەر (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا دەۋەت قىلغان پەيغەمبەرلەر ۋە ئۆلىمالار): «بۈگۈن رەسۋالىق ۋە ئازاب ھەقىقەتەن كاپىرلارغا تېگىشلىكتۇر» دەيدۇ
17:51
أَوْ خَلْقًا مِّمَّا يَكْبُرُ فِي صُدُورِكُمْ ۚ فَسَيَقُولُونَ مَن يُعِيدُنَا ۖ قُلِ الَّذِي فَطَرَكُمْ أَوَّلَ مَرَّةٍ ۚ فَسَيُنْغِضُونَ إِلَيْكَ رُءُوسَهُمْ وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هُوَ ۖ قُلْ عَسَىٰ أَن يَكُونَ قَرِيبًا
سىلەر تاش ياكى تۆمۈر ياكى ھاياتلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تېخىمۇ قىيىن بولغان بىر نەرسە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ (ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ) ئۇلار: ‹‹بىزنى كىم تىرىلدۈرىدۇ؟» دېگىن، ئۇلار ساڭا باشلىرىنى لىڭشىتىپ: ‹‹ئۇ قاچان بولىدۇ؟ ›› دېيىشىدۇ، (سەن) ‹‹ئۈمىدكى، ئۇ يېقىندا بولىدۇ›› دېگىن
17:108
وَيَقُولُونَ سُبْحَانَ رَبِّنَا إِن كَانَ وَعْدُ رَبِّنَا لَمَفْعُولًا
ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز پاكتۇر، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ۋەدىسى چوقۇم ئورۇنلىنىدۇ» دەيدۇ
18:22
سَيَقُولُونَ ثَلَاثَةٌ رَّابِعُهُمْ كَلْبُهُمْ وَيَقُولُونَ خَمْسَةٌ سَادِسُهُمْ كَلْبُهُمْ رَجْمًا بِالْغَيْبِ ۖ وَيَقُولُونَ سَبْعَةٌ وَثَامِنُهُمْ كَلْبُهُمْ ۚ قُل رَّبِّي أَعْلَمُ بِعِدَّتِهِم مَّا يَعْلَمُهُمْ إِلَّا قَلِيلٌ ۗ فَلَا تُمَارِ فِيهِمْ إِلَّا مِرَاءً ظَاهِرًا وَلَا تَسْتَفْتِ فِيهِم مِّنْهُمْ أَحَدًا
ئۇلار (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى ناسارالار): «ئۇلار (يەنى ئەسھابۇلكەھف) ئۈچ بولۇپ، تۆتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بەزىلەر: «ئۇلار بەش بولۇپ، ئالتىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، بۇ پۈتۈنلەي ئاساسسىز، قارىسىغا (ئېيتىلغان سۆزدۇر)، يەنە بەزىلەر: «ئۇلار يەتتە بولۇپ، سەككىزىنچىسى ئۇلارنىڭ ئىتىدۇر» دەيدۇ، ئېيىتقىنكى، «ئۇلارنىڭ سانىنى پەرۋەردىگارىم ئوبدان بىلىدۇ، ئۇندىن باشقا ئازغىنا كىشىلەر بىلىدۇ.» ئۇلار توغرىسىدا (ناسارالار بىلەن) پەقەت يۈزەگىنە مۇنازىرىلەشكىن (يەنى بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەشكۈچىلەرنى تەستىقمۇ قىلمايدىغان، يالغانغىمۇ چىقارمايدىغان دەرىجىدە مۇنازىرىلەشكىن). ئۇلارنىڭ ھېچبىرىدىن ئەسھابۇلكەھف قىسسىسىنى سورىمىغىن
18:42
وَأُحِيطَ بِثَمَرِهِ فَأَصْبَحَ يُقَلِّبُ كَفَّيْهِ عَلَىٰ مَا أَنفَقَ فِيهَا وَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا وَيَقُولُ يَا لَيْتَنِي لَمْ أُشْرِكْ بِرَبِّي أَحَدًا
ئۇنىڭ مېۋىلىرى (يەنى بېغى) ۋەيران بولدى، تېلىنىڭ بىدىشلىرى يەرگە يىقىلدى، ئۇ باغقا سەرپ قىلغان چىقىملىرىغا (ھەسرەت چېكىپ) ئىككى ئالقىنىنى ئۇۋۇلىغىلى تۇردى ھەمدە ئۇ: «مەن پەرۋەردىگارىمغا ھېچ ئەھەدىنى شېرىك كەلتۈرمىسەمچۇ» دېدى
18:49
وَوُضِعَ الْكِتَابُ فَتَرَى الْمُجْرِمِينَ مُشْفِقِينَ مِمَّا فِيهِ وَيَقُولُونَ يَا وَيْلَتَنَا مَالِ هَٰذَا الْكِتَابِ لَا يُغَادِرُ صَغِيرَةً وَلَا كَبِيرَةً إِلَّا أَحْصَاهَا ۚ وَوَجَدُوا مَا عَمِلُوا حَاضِرًا ۗ وَلَا يَظْلِمُ رَبُّكَ أَحَدًا
كىشىلەرنىڭ نامە - ئەمالى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، گۇناھكارلارنىڭ ئۇنىڭدىكى خاتىرىلەردىن قورققانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلار: «ۋاي بىزگە! بۇ نامە - ئەمالغا چوڭ - كىچىك گۇناھنىڭ ھەممىسى خاتىرىلىنىپتىغۇ؟» دەيدۇ، ئۇلار قىلغان - ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ نامە - ئەمالىغا خاتىرىلەنگەنلىكىنى كۆرىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ھېچ ئادەمگە زۇلۇم قىلمايدۇ
19:66
وَيَقُولُ الْإِنسَانُ أَإِذَا مَا مِتُّ لَسَوْفَ أُخْرَجُ حَيًّا
ئىنسان (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىگە ئېتىقاد قىلمايدىغان كاپىر): «مەن چوقۇم تىرىلەمدىم؟» دەيدۇ
21:38
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار: «(سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە (يەنى بىزگە قىلىنغان ئازابنىڭ يۈز بېرىدىغان ۋاقتى) قاچان؟» دېيىشىدۇ
24:47
وَيَقُولُونَ آمَنَّا بِاللَّهِ وَبِالرَّسُولِ وَأَطَعْنَا ثُمَّ يَتَوَلَّىٰ فَرِيقٌ مِّنْهُم مِّن بَعْدِ ذَٰلِكَ ۚ وَمَا أُولَٰئِكَ بِالْمُؤْمِنِينَ
(مۇناپىقلار) «ئاللاھ قا ۋە پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتتۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېيىشىدۇ، ئاندىن ئۇلاردىن بىر جامائە شۇنىڭدىن (يەنى ئىماننى دەۋا قىلغاندىن) كېيىن، (شەرىئەت ھۆكمىدىن) يۈز ئۆرۈيدۇ، ئۇلار (ھەقىقەتتە) مۆمىن ئەمەس
25:22
يَوْمَ يَرَوْنَ الْمَلَائِكَةَ لَا بُشْرَىٰ يَوْمَئِذٍ لِّلْمُجْرِمِينَ وَيَقُولُونَ حِجْرًا مَّحْجُورًا
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن چۈشكەن) پەرىشتىلەرنى كۆرگەن كۈنى گۇناھكارلارغا خۇش خەۋەر بولمايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «(سىلەرگە جەننەت) ھارامدۇر» دەيدۇ
27:71
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار: «ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، (سىلەر بىزگە ۋەدە قىلغان) ئازاب قاچان چۈشىدۇ» دېيىشىدۇ
29:55
يَوْمَ يَغْشَاهُمُ الْعَذَابُ مِن فَوْقِهِمْ وَمِن تَحْتِ أَرْجُلِهِمْ وَيَقُولُ ذُوقُوا مَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
ئۇ كۈندە ئازاب ئۇلارنى ئۈستىلىرىدىن، ئاياغلىرىنىڭ ئاستىدىن ئورىۋالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا: «(دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىڭلارنىڭ) جازاسىنى تېتىڭلار» دەيدۇ
32:28
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْفَتْحُ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «(بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا چىقىرىلىدىغان) بۇ ھۆكۈم قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ ئەگەر سىلەر (دەۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار (ئېيتىپ بېرىڭلار)» دەيدۇ
34:29
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە (يەنى سىلەر بىزنى قورقۇتۇۋاتقان ئازاب) قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟» دەيدۇ
36:48
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار: «ئەگەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟» دەيدۇ
37:36
وَيَقُولُونَ أَئِنَّا لَتَارِكُو آلِهَتِنَا لِشَاعِرٍ مَّجْنُونٍ
ئۇلار: «ئىلاھلىرىمىزنى ھەقىقەتەن بىر مەجنۇن شائىر ئۈچۈن (يەنى ئۇنىڭ سۆزى ئۈچۈن) تاشلىۋېتەمدۇق؟» دەيتتى
47:20
وَيَقُولُ الَّذِينَ آمَنُوا لَوْلَا نُزِّلَتْ سُورَةٌ ۖ فَإِذَا أُنزِلَتْ سُورَةٌ مُّحْكَمَةٌ وَذُكِرَ فِيهَا الْقِتَالُ ۙ رَأَيْتَ الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ يَنظُرُونَ إِلَيْكَ نَظَرَ الْمَغْشِيِّ عَلَيْهِ مِنَ الْمَوْتِ ۖ فَأَوْلَىٰ لَهُمْ
مۆمىنلەر (جىھادنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن): «نېمىشقا (جىھاد ئەمرى قىلىنغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟» دەيدۇ، جىھاد زىكرى قىلىنغان ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا (ئۆلۈمدىن قورقۇپ) ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، (ئى مۇھەممەد!) (ئۇلارنىڭ ساڭا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھ قا سادىق بولۇشسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى
54:2
وَإِن يَرَوْا آيَةً يُعْرِضُوا وَيَقُولُوا سِحْرٌ مُّسْتَمِرٌّ
(قۇرەيش كۇففارلىرى) بىرەر مۆجىزىنى كۆرسىلا (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈپ، بۇ «داۋاملاشقۇچى سېھىردۇر» دېيىشىدۇ
58:8
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ نُهُوا عَنِ النَّجْوَىٰ ثُمَّ يَعُودُونَ لِمَا نُهُوا عَنْهُ وَيَتَنَاجَوْنَ بِالْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَمَعْصِيَتِ الرَّسُولِ وَإِذَا جَاءُوكَ حَيَّوْكَ بِمَا لَمْ يُحَيِّكَ بِهِ اللَّهُ وَيَقُولُونَ فِي أَنفُسِهِمْ لَوْلَا يُعَذِّبُنَا اللَّهُ بِمَا نَقُولُ ۚ حَسْبُهُمْ جَهَنَّمُ يَصْلَوْنَهَا ۖ فَبِئْسَ الْمَصِيرُ
پىچىرلىشىشتىن مەنئى قىلىنغان، ئاندىن مەنئى قىلىنغان نەرسىگە قايتقان كىشىلەرنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇلار گۇناھ بىلەن، زۇلۇم بىلەن ۋە پەيغەمبەرگە قارشى تۇرۇش بىلەن پىچىرلىشىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭغا كەلگەندە، ئاللاھ ساڭا سالام قىلىشتا قوللانمىغان سۆزلەر بىلەن سالام قىلىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىچىدە: «ئاللاھ نېمىشقا بۇ سۆزىمىز بىلەن بىزنى جازالىمايدۇ!» دەيدۇ، دوزاخ ئۇلارغا كۇپايىدۇر، ئۇلار دوزاخقا كىرىدۇ، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي!
67:25
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا الْوَعْدُ إِن كُنتُمْ صَادِقِينَ
ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە قاچان ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ» دەيدۇ
68:51
وَإِن يَكَادُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَيُزْلِقُونَكَ بِأَبْصَارِهِمْ لَمَّا سَمِعُوا الذِّكْرَ وَيَقُولُونَ إِنَّهُ لَمَجْنُونٌ
كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا (ساڭا بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ قاتتىقلىقىدىن يامان) كۆزلىرى بىلەن سېنى يىقىتىۋېتىشكە تاس قالىدۇ. سېنى: «شۈبھىسىز بىر مەجنۇن» دېيىشىدۇ
78:40
إِنَّا أَنذَرْنَاكُمْ عَذَابًا قَرِيبًا يَوْمَ يَنظُرُ الْمَرْءُ مَا قَدَّمَتْ يَدَاهُ وَيَقُولُ الْكَافِرُ يَا لَيْتَنِي كُنتُ تُرَابًا
بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن (يۈز بېرىشى) يېقىن ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ. كاپىر: «كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتسەمچۇ!» دەيدۇ