48:10
إِنَّ الَّذِينَ يُبَايِعُونَكَ إِنَّمَا يُبَايِعُونَ اللَّهَ يَدُ اللَّهِ فَوْقَ أَيْدِيهِمْ ۚ فَمَن نَّكَثَ فَإِنَّمَا يَنكُثُ عَلَىٰ نَفْسِهِ ۖ وَمَنْ أَوْفَىٰ بِمَا عَاهَدَ عَلَيْهُ اللَّهَ فَسَيُؤْتِيهِ أَجْرًا عَظِيمًا
شۈبھىسىزكى، (ئى مۇھەممەد! ھۇدەيبىيىدە) ساڭا (رىزۋان) بەيئىتىنى قىلغانلار (ھەقىقەتتە) ئاللاھ قا بەيئەت قىلغان بولىدۇ، ئاللاھ نىڭ قولى ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئۈستىدىدۇر (يەنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان بەيئىتىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنى بەيئەت قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلايدۇ)، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقىنىڭ زېيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا ئاللاھ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ
48:18
لَّقَدْ رَضِيَ اللَّهُ عَنِ الْمُؤْمِنِينَ إِذْ يُبَايِعُونَكَ تَحْتَ الشَّجَرَةِ فَعَلِمَ مَا فِي قُلُوبِهِمْ فَأَنزَلَ السَّكِينَةَ عَلَيْهِمْ وَأَثَابَهُمْ فَتْحًا قَرِيبًا
ئاللاھ مۆمىنلەردىن ھەقىقەتەن رازى بولدى، (ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (ھۇدەيبىيىدە) دەرەخ (سايىسى) ئاستىدا ساڭا بەيئەت قىلدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىلىدىكىنى (يەنى راستلىق بىلەن ۋاپانى) بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا (ئۇلار بەيئەت قىلىۋاتقاندا) تەمكىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى ۋە ئۇلارنى يېقىن غەلىبە (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھى قىلىنىشى) بىلەن ۋە ئۇلار ئالىدىغان نۇرغۇن غەنىمەتلەر بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئاللاھ غالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر