2:83
وَإِذْ أَخَذْنَا مِيثَاقَ بَنِي إِسْرَائِيلَ لَا تَعْبُدُونَ إِلَّا اللَّهَ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَقُولُوا لِلنَّاسِ حُسْنًا وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ ثُمَّ تَوَلَّيْتُمْ إِلَّا قَلِيلًا مِّنكُمْ وَأَنتُم مُّعْرِضُونَ
ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئاللاھ تىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا، ئاتا - ئانىغا، خىش - ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا، ناماز ئۆتەشكە، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالدۇق. ئاراڭلاردىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار، سىلەر ھەمىشە (ئەھدەڭلاردىن) يېنىۋالىسىلەر
2:177
لَّيْسَ الْبِرَّ أَن تُوَلُّوا وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَٰكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ وَآتَى الْمَالَ عَلَىٰ حُبِّهِ ذَوِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينَ وَابْنَ السَّبِيلِ وَالسَّائِلِينَ وَفِي الرِّقَابِ وَأَقَامَ الصَّلَاةَ وَآتَى الزَّكَاةَ وَالْمُوفُونَ بِعَهْدِهِمْ إِذَا عَاهَدُوا ۖ وَالصَّابِرِينَ فِي الْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ وَحِينَ الْبَأْسِ ۗ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ صَدَقُوا ۖ وَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُتَّقُونَ
سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈزكەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھ قا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەبغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھ نى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش - ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (يەنى پۇل - مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل - مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (ئاللاھ نىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر
2:215
يَسْأَلُونَكَ مَاذَا يُنفِقُونَ ۖ قُلْ مَا أَنفَقْتُم مِّنْ خَيْرٍ فَلِلْوَالِدَيْنِ وَالْأَقْرَبِينَ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ ۗ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ بِهِ عَلِيمٌ
(ئى مۇھەممەد!) سەندىن (ماللىرىنى) قانداق سەرپ قىلسا بولدىغانلىقىنى سورايدۇ، ئېيتقىنكى، «مال - مۈلكىڭلاردىن نېمىنى سەرپ قىلماڭلار، ئۇنى ئاتا ئاناڭلارغا، خىش - ئەقرىبالىرىڭلارغا، مىسكىنلەرگە ۋە ئىبن سەبىللەرگە سەرپ قىلساڭلار بولىدۇ. ياخشىلىقتىن نېمىنى قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ»
2:220
فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۗ وَيَسْأَلُونَكَ عَنِ الْيَتَامَىٰ ۖ قُلْ إِصْلَاحٌ لَّهُمْ خَيْرٌ ۖ وَإِن تُخَالِطُوهُمْ فَإِخْوَانُكُمْ ۚ وَاللَّهُ يَعْلَمُ الْمُفْسِدَ مِنَ الْمُصْلِحِ ۚ وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَأَعْنَتَكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلار سەندىن يېتىملەر توغرۇلۇق سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «(تەربىيىلەش، ماللىرىنى ئۆستۈرۈپ) ئۇلارنى تۈزەش ياخشىدۇر، ئۇلار بىلەن (ئۇلارغا پايدىلىق بولغان رەۋىشتە) ئارىلىشىپ ياشىساڭلار، ئۇ چاغدا (يەنى ئۇلارغا قېرىنداشلارچە مۇئامىلە قىلىڭلار)، ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىنداشلىرىڭلاردۇر. ئاللاھ (يېتىملەرنىڭ ئىشلىرىنى) بۇزغۇچى ۋە تۈزىگۈچىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى (قىيىن ئىشقا تەكلىپ قىلىش بىلەن) چوقۇم جاپاغا سالاتتى». ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
4:2
وَآتُوا الْيَتَامَىٰ أَمْوَالَهُمْ ۖ وَلَا تَتَبَدَّلُوا الْخَبِيثَ بِالطَّيِّبِ ۖ وَلَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَهُمْ إِلَىٰ أَمْوَالِكُمْ ۚ إِنَّهُ كَانَ حُوبًا كَبِيرًا
يېتىملەرنىڭ مال - مۈلكىنى (ئۇلار بالاغەتكە يەتكەن چاغدا) بېرىڭلار، ياخشىسىنى يامانغا (يەنى ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ياخشىسىنى ئۆزۈڭلارنىڭ ماللىرىڭلارنىڭ يامىنىغا) تېگىشىۋالماڭلار؛ ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىنى ئۆزۈڭلارنىڭ مال - مۈلكىگە قوشۇپ يەۋالماڭلار. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر
4:3
وَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تُقْسِطُوا فِي الْيَتَامَىٰ فَانكِحُوا مَا طَابَ لَكُم مِّنَ النِّسَاءِ مَثْنَىٰ وَثُلَاثَ وَرُبَاعَ ۖ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلَّا تَعْدِلُوا فَوَاحِدَةً أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۚ ذَٰلِكَ أَدْنَىٰ أَلَّا تَعُولُوا
ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن (يەنى تەربىيەڭلاردا بىرەر يېتىم قىز بولۇپ، ئۇنىڭغا شۇ قىزغا باراۋەر تۇرىدىغان قىزغا بېرىلىدىغان مەھرىنى بېرەلمەسلىكىڭلاردىن) قورقساڭلار، ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ. بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر
4:6
وَابْتَلُوا الْيَتَامَىٰ حَتَّىٰ إِذَا بَلَغُوا النِّكَاحَ فَإِنْ آنَسْتُم مِّنْهُمْ رُشْدًا فَادْفَعُوا إِلَيْهِمْ أَمْوَالَهُمْ ۖ وَلَا تَأْكُلُوهَا إِسْرَافًا وَبِدَارًا أَن يَكْبَرُوا ۚ وَمَن كَانَ غَنِيًّا فَلْيَسْتَعْفِفْ ۖ وَمَن كَانَ فَقِيرًا فَلْيَأْكُلْ بِالْمَعْرُوفِ ۚ فَإِذَا دَفَعْتُمْ إِلَيْهِمْ أَمْوَالَهُمْ فَأَشْهِدُوا عَلَيْهِمْ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ حَسِيبًا
يېتىملەرنى بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر سىناپ تۇرۇڭلار، ئۇلاردا ماللىرىنى باشقۇرالايدىغان ھالەتنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا مال - مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار؛ ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ مال - مۈلكىنى بۇزۇپ - چېچىپ يەۋالماڭلار. (يېتىمگە ۋەسى بولغانلاردىن) كىمكى باي ئىكەن، (ۋەسى بولغانلىق ھەققى ئۈچۈن) يېتىمنىڭ مال - مۈلكىنى يېيىشتىن ئۆزىنى ساقلىسۇن، (سىلەردىن) كىمكى يوقسۇل ئىكەن، ئۇ (ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققى ئۈچۈن) مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن، ئۇلار (يەنى بالاغەتكە يەتكەن يېتىملەر) نىڭ مال - مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان چاغدا باشقىلارنى گۇۋاھ قىلىپ قويۇڭلار. ئاللاھ ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر
4:8
وَإِذَا حَضَرَ الْقِسْمَةَ أُولُو الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينُ فَارْزُقُوهُم مِّنْهُ وَقُولُوا لَهُمْ قَوْلًا مَّعْرُوفًا
تەقسىمات ۋاقتىدا (ۋارىس ئەمەس) تۇغقانلار، (تۇغقان ئەمەس) يېتىملەر ۋە مىسكىنلەر ھازىر بولسا، ئۇلارغا بۇنىڭدىن (يەنى تەرەكىدىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر ئاز نەرسە) بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار (يەنى بۇ كىچىكلەرنىڭ مېلى، بىزنىڭ ئەمەس دېگەنگە ئوخشاش ئۆزرىنى ئېيتىڭلار)
4:10
إِنَّ الَّذِينَ يَأْكُلُونَ أَمْوَالَ الْيَتَامَىٰ ظُلْمًا إِنَّمَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ نَارًا ۖ وَسَيَصْلَوْنَ سَعِيرًا
زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال - مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ
4:36
وَاعْبُدُوا اللَّهَ وَلَا تُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا ۖ وَبِالْوَالِدَيْنِ إِحْسَانًا وَبِذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَالْجَارِ ذِي الْقُرْبَىٰ وَالْجَارِ الْجُنُبِ وَالصَّاحِبِ بِالْجَنبِ وَابْنِ السَّبِيلِ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ مَن كَانَ مُخْتَالًا فَخُورًا
ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا - ئاناڭلارغا، خىش - ئەقرىبالىرىڭلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يېقىن قوشنىغا، يىراق قوشنىغا، ياندىكى ھەمراھقا (يەنى سەپەرداشقا، ساۋاقداشقا)، مۇساپىرغا، قول ئاستىڭلاردىكى قۇل - چۆرىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۇتەكەببىر، ماختانچاقنى ياقتۇرمايدۇ
4:127
وَيَسْتَفْتُونَكَ فِي النِّسَاءِ ۖ قُلِ اللَّهُ يُفْتِيكُمْ فِيهِنَّ وَمَا يُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فِي الْكِتَابِ فِي يَتَامَى النِّسَاءِ اللَّاتِي لَا تُؤْتُونَهُنَّ مَا كُتِبَ لَهُنَّ وَتَرْغَبُونَ أَن تَنكِحُوهُنَّ وَالْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ الْوِلْدَانِ وَأَن تَقُومُوا لِلْيَتَامَىٰ بِالْقِسْطِ ۚ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِهِ عَلِيمًا
(ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئاياللار توغرىسىدا پەتىۋا سورايدۇ، ئېيتقىنكى، ئۇلار توغرىسىدا ئاللاھ سىلەرگە پەتىۋا بېرىدۇ. قۇرئاندا سىلەرگە تىلاۋەت قىلىنىدىغان (ئاياللارنىڭ مىراسىغا ئائىت) ئايەتلەرمۇ پەتىۋا بېرىدۇ. شۇنداق يېتىملەر توغرىسىدا پەتىۋا بېرىدۇكى، ئۇلارنىڭ تەيىن قىلىنغان مىراسىنى بەرمەيسىلەر (يەنى مۇنداق قىلماسلىقىڭلارغا پەتىۋا بېرىدۇ)، بوزەك قىلىنغان بالىلار (نىڭ ھەققىنى بېرىشىڭلار) ۋە يېتىملەرگە ھەققانىي بولۇشىڭلار ھەققىدە پەتىۋا بېرىدۇ. (ئاياللارغا ۋە يېتىملەرگە) قانداقلا ياخشىلىق قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (يەنى شۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ)
8:41
وَاعْلَمُوا أَنَّمَا غَنِمْتُم مِّن شَيْءٍ فَأَنَّ لِلَّهِ خُمُسَهُ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ إِن كُنتُمْ آمَنتُم بِاللَّهِ وَمَا أَنزَلْنَا عَلَىٰ عَبْدِنَا يَوْمَ الْفُرْقَانِ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعَانِ ۗ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ
(ئى مۆمىنلەر!) بىلىڭلاركى، سىلەر ئالغان غەنىيمەتنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھ قا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش - ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاستۇر. ئەگەر سىلەر ئاللاھ قا، ئىككى گۇرۇھ (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلار) ئۇچرىشىپ ھەق بىلەن ناھەق ئايرىلغان كۈندە (يەنى بەدرى ئۇرۇشى بولغان كۈندە) بەندىمىزگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىز نازىل قىلغان نەرسىلەر (يەنى ئايەتلەر ۋە پەرىشتىلەر) گە ئىشەنسەڭلار (ئاللاھ نىڭ غەنىيمەت توغرىسىدىكى ھۆكمىنىڭ ئەنە شۇ ئىكەنلىكىنى بىلىڭلار). ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر
59:7
مَّا أَفَاءَ اللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ مِنْ أَهْلِ الْقُرَىٰ فَلِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ كَيْ لَا يَكُونَ دُولَةً بَيْنَ الْأَغْنِيَاءِ مِنكُمْ ۚ وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانتَهُوا ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ
ئاللاھ پەيغەمبىرىگە غەنىمەت قىلىپ بەرگەن ئەلى قۇرا (يەنى قۇرەيزە، نەزىر، پەدەك ۋە خەيبەر كۇففارلىرى) نىڭ ماللىرىنى، ئىچىڭلاردىكى بايلار ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، ئاللاھ قا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش - ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاس قىلدى، پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھ تىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر