3:128
لَيْسَ لَكَ مِنَ الْأَمْرِ شَيْءٌ أَوْ يَتُوبَ عَلَيْهِمْ أَوْ يُعَذِّبَهُمْ فَإِنَّهُمْ ظَالِمُونَ
(ئى مۇھەممەد!) ھېچ ئىش (يەنى بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەدبىرى) سېنىڭ ئىختىيارىڭدا ئەمەس، ئاللاھ يا ئۇلارنىڭ (مۇسۇلمان بولسا) تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، يا ئۇلار زالىم بولغانلىقى ئۈچۈن (كۇفرىدا چىڭ تۇرسا) ئۇلارنى ئازابقا دۇچار قىلىدۇ
4:17
إِنَّمَا التَّوْبَةُ عَلَى اللَّهِ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السُّوءَ بِجَهَالَةٍ ثُمَّ يَتُوبُونَ مِن قَرِيبٍ فَأُولَٰئِكَ يَتُوبُ اللَّهُ عَلَيْهِمْ ۗ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا
ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي (يەنى ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن) تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر؛ ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
4:26
يُرِيدُ اللَّهُ لِيُبَيِّنَ لَكُمْ وَيَهْدِيَكُمْ سُنَنَ الَّذِينَ مِن قَبْلِكُمْ وَيَتُوبَ عَلَيْكُمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
ئاللاھ سىلەرگە (ھالال ۋە ھارامغا دائىر ئەھكاملارنى) بايان قىلىشنى، سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى پەيغەمبەرلەر ۋە ياخشىلار) نىڭ يوللىرىغا سىلەرنى ھىدايەت قىلىشنى، (گۇناھىڭلاردىن قىلغان) تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ. ئاللاھ ھەممىنى (يەنى بەندىلىرىنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
4:27
وَاللَّهُ يُرِيدُ أَن يَتُوبَ عَلَيْكُمْ وَيُرِيدُ الَّذِينَ يَتَّبِعُونَ الشَّهَوَاتِ أَن تَمِيلُوا مَيْلًا عَظِيمًا
ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ (بۇ ئاللاھ نىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تەكرارلاندى). شەھۋەتلەرگە ئەگىشىدىغانلار (يەنى شەيتانغا ئەگىشىدىغان فاجىرلار) توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كېتىشىڭلارنى (شۇلارغا ئوخشاش فاجىر بولۇشۇڭلارنى) خالايدۇ
5:39
فَمَن تَابَ مِن بَعْدِ ظُلْمِهِ وَأَصْلَحَ فَإِنَّ اللَّهَ يَتُوبُ عَلَيْهِ ۗ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
كىمكى (ئوغرىلىق قىلىپ كىشىلەرگە) زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا، (ئەمەلىنى) تۈزىسە (يەنى ئوغرىلىق قىلىشتىن يانسا)، ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
5:74
أَفَلَا يَتُوبُونَ إِلَى اللَّهِ وَيَسْتَغْفِرُونَهُ ۚ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
ئۇلار ئاللاھ قا تەۋبە قىلمامدۇ؟ ئاللاھ تىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمامدۇ؟ ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
9:15
وَيُذْهِبْ غَيْظَ قُلُوبِهِمْ ۗ وَيَتُوبُ اللَّهُ عَلَىٰ مَن يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
ھەم ئۇلارنى دىللىرىدىكى ئاچچىقتىن خالاس قىلىدۇ. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
9:27
ثُمَّ يَتُوبُ اللَّهُ مِن بَعْدِ ذَٰلِكَ عَلَىٰ مَن يَشَاءُ ۗ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
شۇنىڭدىن كېيىن، ئاللاھ خالىغان ئادەمگە تەۋبىنى نېسىپ قىلىدۇ (يەنى ئىسلام دىنىغا كىرىشكە مۇۋەپپەق قىلىدۇ). ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
9:74
يَحْلِفُونَ بِاللَّهِ مَا قَالُوا وَلَقَدْ قَالُوا كَلِمَةَ الْكُفْرِ وَكَفَرُوا بَعْدَ إِسْلَامِهِمْ وَهَمُّوا بِمَا لَمْ يَنَالُوا ۚ وَمَا نَقَمُوا إِلَّا أَنْ أَغْنَاهُمُ اللَّهُ وَرَسُولُهُ مِن فَضْلِهِ ۚ فَإِن يَتُوبُوا يَكُ خَيْرًا لَّهُمْ ۖ وَإِن يَتَوَلَّوْا يُعَذِّبْهُمُ اللَّهُ عَذَابًا أَلِيمًا فِي الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ ۚ وَمَا لَهُمْ فِي الْأَرْضِ مِن وَلِيٍّ وَلَا نَصِيرٍ
ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) ھېچنېمە دېمىگەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار ھەقىقەتەن كۇفرى سۆزىنى ئېيتتى، ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن كاپىر بولدى، ئۇلار ئىشقا ئاشمايدىغان ئىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئورۇندى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى)، ئۇلارنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى) يامان كۆرۈشنى پەقەت ئاللاھ نىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئۇلارنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلغانلىقى ئۈچۈندۇر، ئەگەر ئۇلار (مۇناپىقلىقتىن) تەۋبە قىلسا، ئۆزلىرىگە ياخشىدۇر، ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن داۋاملىق) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايدۇ، يەر يۈزىدە ئۇلارغا (ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان) بىرەر دوست ۋە بىرەر مەدەتكار تېپىلمايدۇ
9:102
وَآخَرُونَ اعْتَرَفُوا بِذُنُوبِهِمْ خَلَطُوا عَمَلًا صَالِحًا وَآخَرَ سَيِّئًا عَسَى اللَّهُ أَن يَتُوبَ عَلَيْهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ
يەنە بىر قىسىم كىشىلەر گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلدى (يەنى باشقىلارغا ئوخشاش جىھادقا چىقمىغانلىقىغا يالغان ئۆزرە ئېيتمىدى). ئۇلار ياخشى ئىشقا يامان ئىشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويدى، ئاللاھ نىڭ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى ئۈمىدلىكتۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن (تەۋبە قىلغۇچىلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
9:106
وَآخَرُونَ مُرْجَوْنَ لِأَمْرِ اللَّهِ إِمَّا يُعَذِّبُهُمْ وَإِمَّا يَتُوبُ عَلَيْهِمْ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
يەنە بىر قىسىم (جىھادقا چىقمىغان) كىشىلەر (نىڭ ئىشى) ئاللاھ نىڭ ئەمرىگە قالدۇرۇلدى، ئاللاھ يا ئۇلارنى (تەۋبە قىلمىسا) جازالايدۇ، يا ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ (ۋە مەغپىرەت قىلىدۇ). ئاللاھ ئۇلارنى (يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
9:118
وَعَلَى الثَّلَاثَةِ الَّذِينَ خُلِّفُوا حَتَّىٰ إِذَا ضَاقَتْ عَلَيْهِمُ الْأَرْضُ بِمَا رَحُبَتْ وَضَاقَتْ عَلَيْهِمْ أَنفُسُهُمْ وَظَنُّوا أَن لَّا مَلْجَأَ مِنَ اللَّهِ إِلَّا إِلَيْهِ ثُمَّ تَابَ عَلَيْهِمْ لِيَتُوبُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ هُوَ التَّوَّابُ الرَّحِيمُ
جىھادقا چىقمىغان ئۈچ كىشىنىڭ تەۋبىسىنىمۇ ئاللاھ قوبۇل قىلدى. شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار تۇيۇلغان، ئۇلارنىڭ جانلىرى سىقىلغان، ئۇلار ئاللاھ قا تەۋبە قىلماي تۇرۇپ ئاللاھ نىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن ئىدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تەۋبە قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر
9:126
أَوَلَا يَرَوْنَ أَنَّهُمْ يُفْتَنُونَ فِي كُلِّ عَامٍ مَّرَّةً أَوْ مَرَّتَيْنِ ثُمَّ لَا يَتُوبُونَ وَلَا هُمْ يَذَّكَّرُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم سىنىلىدىغانلىقىنى (يەنى ئۇلار توغرىسىدا ۋەھيى نازىل بولۇپ، سىرلىرىنىڭ پاش قىلىنىدىغانلىقىنى) بىلمەمدۇ؟ ئاندىن ئۇلار تەۋبە قىلمايدۇ (يەنى نىفاقتىن قايتمايدۇ). ئىبرەتمۇ ئالمايدۇ
25:71
وَمَن تَابَ وَعَمِلَ صَالِحًا فَإِنَّهُ يَتُوبُ إِلَى اللَّهِ مَتَابًا
كىمكى (گۇناھلىرىغا) تەۋبە قىلىدىكەن ۋە ئەمەلىنى تۈزەيدىكەن، ئۇ ئاللاھ قا يۈزلەنگەن بولىدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇ نىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ)
33:24
لِّيَجْزِيَ اللَّهُ الصَّادِقِينَ بِصِدْقِهِمْ وَيُعَذِّبَ الْمُنَافِقِينَ إِن شَاءَ أَوْ يَتُوبَ عَلَيْهِمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ كَانَ غَفُورًا رَّحِيمًا
ئاللاھ راستچىللارغا راستچىللىقى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە ئەڭ ياخشى) مۇكاپات بېرىدۇ، مۇناپىقلارنى (ئەھدىنى بۇزغۇچى مۇناپىقلارنى مۇناپىق پېتى بۇ دۇنيادىن كەتكۈزۈپ) ئەگەر خالىسا ئازابلايدۇ، يا ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
33:73
لِّيُعَذِّبَ اللَّهُ الْمُنَافِقِينَ وَالْمُنَافِقَاتِ وَالْمُشْرِكِينَ وَالْمُشْرِكَاتِ وَيَتُوبَ اللَّهُ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا
(مەزكۇر ئامانەتكە خىيانەت قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) مۇناپىق ئەرلەرنى، مۇناپىق ئاياللارنى، مۇشرىك ئەرلەرنى، مۇشرىك ئاياللارنى ئاللاھ ئازابلايدۇ، (مەزكۇر ئامانەتكە رىئايە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) مۆمىن ئەرلەر ۋە مۆمىن ئاياللارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلىدۇ، (ئاللاھ مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
85:10
إِنَّ الَّذِينَ فَتَنُوا الْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ ثُمَّ لَمْ يَتُوبُوا فَلَهُمْ عَذَابُ جَهَنَّمَ وَلَهُمْ عَذَابُ الْحَرِيقِ
مۆمىن ئەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ