3:176
وَلَا يَحْزُنكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ ۚ إِنَّهُمْ لَن يَضُرُّوا اللَّهَ شَيْئًا ۗ يُرِيدُ اللَّهُ أَلَّا يَجْعَلَ لَهُمْ حَظًّا فِي الْآخِرَةِ ۖ وَلَهُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ
(ئى مۇھەممەد!) كۇفرىغا ئۆزلىرىنى ئاتىغانلار (يەنى سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بىلەن كۇفرىغا شاپاشلايدىغان مۇناپىقلار) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار ھەقىقەتەن (كۇفرى بىلەن) ئاللاھ قا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئاخىرەتتە ئۇلارغا (ساۋابتىن) ھېچبىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى خالايدۇ؛ ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ
5:41
يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ لَا يَحْزُنكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ مِنَ الَّذِينَ قَالُوا آمَنَّا بِأَفْوَاهِهِمْ وَلَمْ تُؤْمِن قُلُوبُهُمْ ۛ وَمِنَ الَّذِينَ هَادُوا ۛ سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ سَمَّاعُونَ لِقَوْمٍ آخَرِينَ لَمْ يَأْتُوكَ ۖ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ مِن بَعْدِ مَوَاضِعِهِ ۖ يَقُولُونَ إِنْ أُوتِيتُمْ هَٰذَا فَخُذُوهُ وَإِن لَّمْ تُؤْتَوْهُ فَاحْذَرُوا ۚ وَمَن يُرِدِ اللَّهُ فِتْنَتَهُ فَلَن تَمْلِكَ لَهُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا ۚ أُولَٰئِكَ الَّذِينَ لَمْ يُرِدِ اللَّهُ أَن يُطَهِّرَ قُلُوبَهُمْ ۚ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ ۖ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ
ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار (يەنى مۇناپىقلار) دىن ۋە يەھۇدىيلاردىن كۇفرىغا (پۇرسەت تاپسىلا كۇفرىنى ئىزھار قىلىشقا) ئالدىرايدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار (ئەھبارلىرى ئوقۇغان) يالغانغا قۇلاق سالىدۇ، ساڭا كەلمىگەن (يەنى ئۆچلۈك قىلىپ سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان) باشقا بىر قەۋمگە (يەنى خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى جايلىرىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى ئاللاھ نىڭ ئەھكاملىرىنى باشقىلارغا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ). ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ (ھۆكۈم) بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر ئۇ بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، ئاللاھ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ قا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ (يەنى ھېچ ئادەم ئۇنىڭدىن گۇمراھلىقنى دەپئى قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ). دىللىرىنى (قىلمىشى قەبىھ بولغانلىقتىن كۇفرىدىن) پاك قىلىشنى ئاللاھ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ
6:33
قَدْ نَعْلَمُ إِنَّهُ لَيَحْزُنُكَ الَّذِي يَقُولُونَ ۖ فَإِنَّهُمْ لَا يُكَذِّبُونَكَ وَلَٰكِنَّ الظَّالِمِينَ بِآيَاتِ اللَّهِ يَجْحَدُونَ
ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار سېنى (ئىچىدە) ئىنكار قىلمايدۇ (لېكىن ئۇلار تەرسالىقتىن ئىنكار قىلىدۇ)، (ھەقىقەتتە) زالىملار ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ
10:65
وَلَا يَحْزُنكَ قَوْلُهُمْ ۘ إِنَّ الْعِزَّةَ لِلَّهِ جَمِيعًا ۚ هُوَ السَّمِيعُ الْعَلِيمُ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارنىڭ (ساڭا سەن پەيغەمبەر ئەمەسسەن دېگەن) سۆزى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، پۈتۈن كۈچ - قۇۋۋەت ئاللاھ قا مەنسۈپ (ئاللاھ ساڭا مەدەتكاردۇر). ئاللاھ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەمەللىرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
31:23
وَمَن كَفَرَ فَلَا يَحْزُنكَ كُفْرُهُ ۚ إِلَيْنَا مَرْجِعُهُمْ فَنُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ
كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇفرى سېنى قايغۇغا سالمىسۇن، ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ، ئۇلارغا (دۇنيادىكى) قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
36:76
فَلَا يَحْزُنكَ قَوْلُهُمْ ۘ إِنَّا نَعْلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعْلِنُونَ
(ئى، مۇھەممەد!) ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ سۆزى (يەنى سېنى ئىنكار قىلغانلىقى) سېنى غەمكىن قىلمىسۇن. بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ۋە ئاشكارا قىلغان (سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى) نى بىلىپ تۇرىمىز