4:172
لَّن يَسْتَنكِفَ الْمَسِيحُ أَن يَكُونَ عَبْدًا لِّلَّهِ وَلَا الْمَلَائِكَةُ الْمُقَرَّبُونَ ۚ وَمَن يَسْتَنكِفْ عَنْ عِبَادَتِهِ وَيَسْتَكْبِرْ فَسَيَحْشُرُهُمْ إِلَيْهِ جَمِيعًا
مەسىھمۇ، (ئاللاھ قا) يېقىن پەرىشتىلەرمۇ ئاللاھ قا بەندە بولۇشتىن ھەرگىز باش تارتمايدۇ، كىملەركى ئاللاھ قا بەندىچىلىك قىلىشتىن باش تارتىدىكەن ۋە كۆرەڭلەپ كېتىدىكەن، (بىلسۇنكى) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (قىيامەت كۈنى ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۆز دەرگاھىغا توپلايدۇ
6:38
وَمَا مِن دَابَّةٍ فِي الْأَرْضِ وَلَا طَائِرٍ يَطِيرُ بِجَنَاحَيْهِ إِلَّا أُمَمٌ أَمْثَالُكُم ۚ مَّا فَرَّطْنَا فِي الْكِتَابِ مِن شَيْءٍ ۚ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِمْ يُحْشَرُونَ
مەيلى يەر يۈزىدە ماڭىدىغان ھايۋان بولسۇن، مەيلى ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان ئۇچار قۇش بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە ئوخشاش ئۈممەتلەردۇر (يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان مەخلۇقلاردۇر). لەۋھۇلمەھپۇزدا ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق (يەنى ھەممىنى تولۇق پۈتتۇق)، كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىدۇ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ)
6:51
وَأَنذِرْ بِهِ الَّذِينَ يَخَافُونَ أَن يُحْشَرُوا إِلَىٰ رَبِّهِمْ ۙ لَيْسَ لَهُم مِّن دُونِهِ وَلِيٌّ وَلَا شَفِيعٌ لَّعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ
پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىشتىن قورقىدىغانلارنىڭ (كۇفرىدىن، گۇناھتىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇلارغا ئاللاھ تىن غەيرىي دوست ۋە شاپائەت قىلغۇچى يوقتۇر
6:128
وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ قَدِ اسْتَكْثَرْتُم مِّنَ الْإِنسِ ۖ وَقَالَ أَوْلِيَاؤُهُم مِّنَ الْإِنسِ رَبَّنَا اسْتَمْتَعَ بَعْضُنَا بِبَعْضٍ وَبَلَغْنَا أَجَلَنَا الَّذِي أَجَّلْتَ لَنَا ۚ قَالَ النَّارُ مَثْوَاكُمْ خَالِدِينَ فِيهَا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ ۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
ئاللاھ (ئىنسانلارنى، جىنلارنى ھېساب ئۈچۈن) تولۇق يىغىدىغان كۈننى ئەسلىگىن، (بۇ كۈندە ئاللاھ ئېيتىدۇكى) «ئى جىنلار جامائەسى! سىلەر نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار». ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىر - بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (يەنى قىيامەت كۈنىگە) يەتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھ نىڭ خاھىشىغا باغلىق ھالدا ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
8:36
إِنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا يُنفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ لِيَصُدُّوا عَن سَبِيلِ اللَّهِ ۚ فَسَيُنفِقُونَهَا ثُمَّ تَكُونُ عَلَيْهِمْ حَسْرَةً ثُمَّ يُغْلَبُونَ ۗ وَالَّذِينَ كَفَرُوا إِلَىٰ جَهَنَّمَ يُحْشَرُونَ
شۈبھىسىزكى، كاپىرلار مال - مۈلۈكلىرىنى (باشقىلارنى) ئاللاھ نىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، سەرپ قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مال - مۈلۈكلىرى ئۇلارغا ھەسرەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئاخىر ئۇلار يېڭىلىدۇ. كاپىرلار جەھەننەمگىلا ھەيدەپ كىرگۈزۈلىدۇ
10:45
وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ كَأَن لَّمْ يَلْبَثُوا إِلَّا سَاعَةً مِّنَ النَّهَارِ يَتَعَارَفُونَ بَيْنَهُمْ ۚ قَدْ خَسِرَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِلِقَاءِ اللَّهِ وَمَا كَانُوا مُهْتَدِينَ
قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، (ئۇلارغا دۇنيادا تۇرغان مۇددىتى) كۈندۈزدە ئازغىنا ۋاقىت تۇرغاندەك قىسقا بىلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزئارا تونۇشىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ قا مۇلاقات بولۇشىنى (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىنى) ئىنكار قىلغانلار چوقۇم زىيان تارتىدۇ، ئۇلار توغرا يول تاپمىدى
15:25
وَإِنَّ رَبَّكَ هُوَ يَحْشُرُهُمْ ۚ إِنَّهُ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن (ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۇلارنى يىغىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
20:59
قَالَ مَوْعِدُكُمْ يَوْمُ الزِّينَةِ وَأَن يُحْشَرَ النَّاسُ ضُحًى
مۇسا ئېيتتى: «سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان چاغ بايرام كۈنى بولۇپ، كىشىلەر چاشكا ۋاقتىدا يىغىلسۇن»
25:17
وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ وَمَا يَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللَّهِ فَيَقُولُ أَأَنتُمْ أَضْلَلْتُمْ عِبَادِي هَٰؤُلَاءِ أَمْ هُمْ ضَلُّوا السَّبِيلَ
شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا قوشۇپ، ئۇلار ئاللاھ نى قويۇپ، چوقۇنغان نەرسىلىرىنى يىغىدۇ. ئاندىن ئاللاھ (ئۇلارغا): «مېنىڭ بۇ بەندىلىرىمنى سىلەر ئازدۇردۇڭلارمۇ؟ يا (توغرا) يولدىن ئۇلار ئۆزلىرى ئازدىمۇ؟» دەيدۇ
25:34
الَّذِينَ يُحْشَرُونَ عَلَىٰ وُجُوهِهِمْ إِلَىٰ جَهَنَّمَ أُولَٰئِكَ شَرٌّ مَّكَانًا وَأَضَلُّ سَبِيلًا
ئۇلار جەھەننەمگە يۈزلىرى بىلەن سۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ جايى ئەڭ يامان، يولى ئەڭ ئازغۇندۇر
34:40
وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا ثُمَّ يَقُولُ لِلْمَلَائِكَةِ أَهَٰؤُلَاءِ إِيَّاكُمْ كَانُوا يَعْبُدُونَ
ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ ھەممىسىنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: «بۇ كىشىلەر سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟» دەيدۇ
41:19
وَيَوْمَ يُحْشَرُ أَعْدَاءُ اللَّهِ إِلَى النَّارِ فَهُمْ يُوزَعُونَ
ئۇ كۈندە ئاللاھ نىڭ دۈشمەنلىرى دوزاخقا توپلىنىدۇ، ئالدى - ئارقىسى يىغىلىپ بولغۇچە توختىتىپ قويۇلىدۇ