7:110
يُرِيدُ أَن يُخْرِجَكُم مِّنْ أَرْضِكُمْ ۖ فَمَاذَا تَأْمُرُونَ
ئۇ سىلەرنى زېمىنىڭلار (يەنى مىسىر زېمىنى) دىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەكچى. نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»
26:35
يُرِيدُ أَن يُخْرِجَكُم مِّنْ أَرْضِكُم بِسِحْرِهِ فَمَاذَا تَأْمُرُونَ
پىرئەۋن چۆرىسىدىكى (قەۋمنىڭ) چوڭلىرىغا ئېيتتى: «بۇ ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن، ئۇ سېھىر ئارقىلىق سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى، (بۇ ھەقتە) نېمە مەسلىھەت بېرىسىلەر؟»
33:43
هُوَ الَّذِي يُصَلِّي عَلَيْكُمْ وَمَلَائِكَتُهُ لِيُخْرِجَكُم مِّنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ ۚ وَكَانَ بِالْمُؤْمِنِينَ رَحِيمًا
ئاللاھ سىلەرنى قاراڭغۇلۇقتىن نۇرغا (يەنى گۇمراھلىقتىن ھىدايەتكە) چىقىرىش ئۈچۈن، سىلەرگە رەھمەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ مۆمىنلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر
40:67
هُوَ الَّذِي خَلَقَكُم مِّن تُرَابٍ ثُمَّ مِن نُّطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ يُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوا أَشُدَّكُمْ ثُمَّ لِتَكُونُوا شُيُوخًا ۚ وَمِنكُم مَّن يُتَوَفَّىٰ مِن قَبْلُ ۖ وَلِتَبْلُغُوا أَجَلًا مُّسَمًّى وَلَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ
ئاللاھ سىلەرنى (يەنى ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، (ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ئالدى بىلەن) ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن ياراتتى، ئاندىن ئۇ سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاق ھالىتىڭلاردا چىقىرىدۇ، ئاندىن (كۈچ - قۇۋۋەت ۋە ئەقىلدە كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، ئاندىن قېرىيسىلەر– بەزىڭلار بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر–ئاندىن سىلەر مۇئەييەن ۋاقىتقىچە ياشايسىلەر، سىلەر (ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) چۈشەنگەيسىلەر
57:9
هُوَ الَّذِي يُنَزِّلُ عَلَىٰ عَبْدِهِ آيَاتٍ بَيِّنَاتٍ لِّيُخْرِجَكُم مِّنَ الظُّلُمَاتِ إِلَى النُّورِ ۚ وَإِنَّ اللَّهَ بِكُمْ لَرَءُوفٌ رَّحِيمٌ
سىلەرنى كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن (ئىماننىڭ) نۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن، ئاللاھ بەندىسىگە روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدى، ئاللاھ شەك - شۈبھىسىز سىلەرگە مەرھەمەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر
71:18
ثُمَّ يُعِيدُكُمْ فِيهَا وَيُخْرِجُكُمْ إِخْرَاجًا
ئاندىن ئاللاھ سىلەرنى (ئۆلگەندىن كېيىن) زېمىنغا قايتۇرىدۇ (يەنى زېمىندا دەپنە قىلىنىسىلەر)، ئاندىن سىلەرنى (قىيامەت كۈنى) زېمىندىن چىقىرىدۇ