4:78
أَيْنَمَا تَكُونُوا يُدْرِككُّمُ الْمَوْتُ وَلَوْ كُنتُمْ فِي بُرُوجٍ مُّشَيَّدَةٍ ۗ وَإِن تُصِبْهُمْ حَسَنَةٌ يَقُولُوا هَٰذِهِ مِنْ عِندِ اللَّهِ ۖ وَإِن تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ يَقُولُوا هَٰذِهِ مِنْ عِندِكَ ۚ قُلْ كُلٌّ مِّنْ عِندِ اللَّهِ ۖ فَمَالِ هَٰؤُلَاءِ الْقَوْمِ لَا يَكَادُونَ يَفْقَهُونَ حَدِيثًا
قەيەردە بولماڭلار، (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ، سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، «بۇ ئاللاھ تىن بولدى» دەيدۇ. ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان - زەخمەتكە ئۇچرىسا، «بۇ سەندىن (يەنى سېنىڭ دىنىڭغا كىرگەنلىكىمىزدىن) بولدى» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! بۇ ئەخمەقلەرگە) ئېيتقىنكى، «(ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ) ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر (يەنى ھەممىسىنى ئاللاھ ياراتقاندۇر)». بۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن، ئۇلار ھېچبىر سۆزنى (يەنى ھەممە شەيئىنىڭ ئاللاھ نىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىنى) چۈشەنمەيدۇ
4:100
وَمَن يُهَاجِرْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ يَجِدْ فِي الْأَرْضِ مُرَاغَمًا كَثِيرًا وَسَعَةً ۚ وَمَن يَخْرُجْ مِن بَيْتِهِ مُهَاجِرًا إِلَى اللَّهِ وَرَسُولِهِ ثُمَّ يُدْرِكْهُ الْمَوْتُ فَقَدْ وَقَعَ أَجْرُهُ عَلَى اللَّهِ ۗ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا
كىمكى ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىدىكەن، ئۇ زېمىندا چىقىش يولى ۋە كەڭچىلىك تاپىدۇ. كىمكى ئۆيىدىن ئاللاھ نىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەرىپىگە ھىجرەت قىلىپ چىقسا، ئاندىن يولدا ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى چوقۇم ئاللاھ بېرىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر
6:103
لَّا تُدْرِكُهُ الْأَبْصَارُ وَهُوَ يُدْرِكُ الْأَبْصَارَ ۖ وَهُوَ اللَّطِيفُ الْخَبِيرُ
كۆزلەر ئاللاھ نى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر