31:21
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ اتَّبِعُوا مَا أَنزَلَ اللَّهُ قَالُوا بَلْ نَتَّبِعُ مَا وَجَدْنَا عَلَيْهِ آبَاءَنَا ۚ أَوَلَوْ كَانَ الشَّيْطَانُ يَدْعُوهُمْ إِلَىٰ عَذَابِ السَّعِيرِ
ئەگەر ئۇلارغا: «ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسە (يەنى قۇرئان) غا ئەگىشىڭلار» دېيىلسە، ئۇلار: «ياق، بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنىغا ئەگىشىمىز» دەيدۇ، شەيتان ئۇلارنى دوزاخ ئازابىغا چاقىرغان تۇرسا (ئۇلار يەنىلا ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ دىنىغا ئەگىشەمدۇ؟)
72:19
وَأَنَّهُ لَمَّا قَامَ عَبْدُ اللَّهِ يَدْعُوهُ كَادُوا يَكُونُونَ عَلَيْهِ لِبَدًا
ئاللاھ نىڭ بەندىسى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشقا تۇرغاندا، (قۇرئان تىڭشاش ئۈچۈن) جىنلار (ئولىشىپ) ئۇنى بېسىۋىلىشقا تاس قالىدۇ