4:133
إِن يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ أَيُّهَا النَّاسُ وَيَأْتِ بِآخَرِينَ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَلَىٰ ذَٰلِكَ قَدِيرًا
ئى ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى يوق قىلىپ ئورنۇڭلارغا باشقىلارنى كەلتۈرىدۇ، ئاللاھ بۇنىڭغا قادىردۇر
6:133
وَرَبُّكَ الْغَنِيُّ ذُو الرَّحْمَةِ ۚ إِن يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ وَيَسْتَخْلِفْ مِن بَعْدِكُم مَّا يَشَاءُ كَمَا أَنشَأَكُم مِّن ذُرِّيَّةِ قَوْمٍ آخَرِينَ
پەرۋەردىگارىڭ (خالايىقتىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىدىن) بىھاجەتتۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئۇ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمنىڭ ئەۋلادىدىن پەيدا قىلغاندەك، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان (ئىتائەتمەن) باشقا بىر قەۋمنى قويىدۇ
14:19
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ ۚ إِن يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ وَيَأْتِ بِخَلْقٍ جَدِيدٍ
ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئاللاھ نىڭ ھەق ئاساستا ياراتقانلىقىنى (يەنى بىكار ياراتمىغانلىقىنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ خالىسا، (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنى يوق قىلىۋېتىپ (ئورنۇڭلارغا سىلەردىن ياخشى) يېڭى ئادەملەرنى يارىتىدۇ
35:16
إِن يَشَأْ يُذْهِبْكُمْ وَيَأْتِ بِخَلْقٍ جَدِيدٍ
ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ (ئورنۇڭلارغا) يېڭى بىر خەلقنى پەيدا قىلىدۇ