3:169
وَلَا تَحْسَبَنَّ الَّذِينَ قُتِلُوا فِي سَبِيلِ اللَّهِ أَمْوَاتًا ۚ بَلْ أَحْيَاءٌ عِندَ رَبِّهِمْ يُرْزَقُونَ
ئاللاھ نىڭ يولىدا شېھىت بولغانلارنى ئۆلۈك دەپ گۇمان قىلمىغىن، بەلكى ئۇلار تىرىك بولۇپ، ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدىكى رىزىقتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ (يەنى جەننەتنىڭ نېمەتلىرىدىن ئەتىگەن - ئاخشامدا مەڭگۈلۈك رىزىقلاندۇرۇپ تۇرۇلىدۇ)
40:40
مَنْ عَمِلَ سَيِّئَةً فَلَا يُجْزَىٰ إِلَّا مِثْلَهَا ۖ وَمَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَأُولَٰئِكَ يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ يُرْزَقُونَ فِيهَا بِغَيْرِ حِسَابٍ
كىمكى (بۇ دۇنيادا) بىرەر يامانلىقنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) شۇنىڭغا لايىق جازا بېرىلىدۇ، مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، كىمكى ئۆزى مۆمىن تۇرۇپ بىرەر ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئەنە شۇلار جەننەتكە كىرىدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا ھېسابسىز رىزىق بېرىلىدۇ