7:206
إِنَّ الَّذِينَ عِندَ رَبِّكَ لَا يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِهِ وَيُسَبِّحُونَهُ وَلَهُ يَسْجُدُونَ ۩
پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىشتىن باش تارتمايدۇ، ئاللاھ قا تەسبىھ ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ
21:20
يُسَبِّحُونَ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ لَا يَفْتُرُونَ
ئۇلار كېچە - كۈندۈز تەسبىھ ئېيتىدۇ، بوشاشمايدۇ
21:33
وَهُوَ الَّذِي خَلَقَ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ ۖ كُلٌّ فِي فَلَكٍ يَسْبَحُونَ
ئاللاھ كېچىنى ۋە كۈندۈزنى، كۈننى ۋە ئاينى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى (ئۆزىگە خاس) پەلەكتە سەير قىلىدۇ
36:40
لَا الشَّمْسُ يَنبَغِي لَهَا أَن تُدْرِكَ الْقَمَرَ وَلَا اللَّيْلُ سَابِقُ النَّهَارِ ۚ وَكُلٌّ فِي فَلَكٍ يَسْبَحُونَ
كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى (يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى)، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى (يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۈزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ تۇرىدۇ
39:75
وَتَرَى الْمَلَائِكَةَ حَافِّينَ مِنْ حَوْلِ الْعَرْشِ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ ۖ وَقُضِيَ بَيْنَهُم بِالْحَقِّ وَقِيلَ الْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ
پەرىشتىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتقان، ھەمدى ئېيتقان ھالدا ئەرشنىڭ چۆرىسىنى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەققانىي ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ (مۆمىنلەر جەننەتكە كىرىدۇ، كاپىرلار دوزاخقا كىرىدۇ)، «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ قا خاستۇر!» دېيىلىدۇ
40:7
الَّذِينَ يَحْمِلُونَ الْعَرْشَ وَمَنْ حَوْلَهُ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَيُؤْمِنُونَ بِهِ وَيَسْتَغْفِرُونَ لِلَّذِينَ آمَنُوا رَبَّنَا وَسِعْتَ كُلَّ شَيْءٍ رَّحْمَةً وَعِلْمًا فَاغْفِرْ لِلَّذِينَ تَابُوا وَاتَّبَعُوا سَبِيلَكَ وَقِهِمْ عَذَابَ الْجَحِيمِ
ئەرشنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ۋە ئەرشنىڭ چۆرىسىدىكى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، مۆمىنلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! سېنىڭ رەھمىتىڭ ۋە ئىلمىڭ ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تەۋبە قىلغانلارغا ۋە سېنىڭ يولۇڭغا ئەگەشكەنلەرگە مەغپىرەت قىلغىن، ئۇلارنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن
41:38
فَإِنِ اسْتَكْبَرُوا فَالَّذِينَ عِندَ رَبِّكَ يُسَبِّحُونَ لَهُ بِاللَّيْلِ وَالنَّهَارِ وَهُمْ لَا يَسْأَمُونَ ۩
ئەگەر كۇففارلار چوڭچىلىق قىلىپ (ئاللاھ قا سەجدە قىلىشتىن) باش تارتسا، پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدىكىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) كېچە - كۈندۈز ئاللاھ قا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇلار مالال بولۇپ قالمايدۇ
42:5
تَكَادُ السَّمَاوَاتُ يَتَفَطَّرْنَ مِن فَوْقِهِنَّ ۚ وَالْمَلَائِكَةُ يُسَبِّحُونَ بِحَمْدِ رَبِّهِمْ وَيَسْتَغْفِرُونَ لِمَن فِي الْأَرْضِ ۗ أَلَا إِنَّ اللَّهَ هُوَ الْغَفُورُ الرَّحِيمُ
(ئاللاھ نىڭ كاتتىلىقىدىن) ئاسمانلار يۇقىرى تەرىپىدىن يېرىلىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ، پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارىغا تەسبىھ ئېيتىدۇ، ھەمدى ئېيتىدۇ، يەر يۈزىدىكىلەرگە مەغپىرەت تىلەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر