6:38
وَمَا مِن دَابَّةٍ فِي الْأَرْضِ وَلَا طَائِرٍ يَطِيرُ بِجَنَاحَيْهِ إِلَّا أُمَمٌ أَمْثَالُكُم ۚ مَّا فَرَّطْنَا فِي الْكِتَابِ مِن شَيْءٍ ۚ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِمْ يُحْشَرُونَ
مەيلى يەر يۈزىدە ماڭىدىغان ھايۋان بولسۇن، مەيلى ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان ئۇچار قۇش بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە ئوخشاش ئۈممەتلەردۇر (يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان مەخلۇقلاردۇر). لەۋھۇلمەھپۇزدا ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق (يەنى ھەممىنى تولۇق پۈتتۇق)، كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىدۇ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ)
7:131
فَإِذَا جَاءَتْهُمُ الْحَسَنَةُ قَالُوا لَنَا هَٰذِهِ ۖ وَإِن تُصِبْهُمْ سَيِّئَةٌ يَطَّيَّرُوا بِمُوسَىٰ وَمَن مَّعَهُ ۗ أَلَا إِنَّمَا طَائِرُهُمْ عِندَ اللَّهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَهُمْ لَا يَعْلَمُونَ
ئۇلار ئەگەر (پاراۋانلىق - مولچىلىقتەك) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە، بىز بۇنىڭغا ھەقلىقمىز، دەيدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بىرەر يامانلىق كەلسە، ئۇلار: بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى، دەيدۇ. ئۇلارغا يەتكەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىق (مۇسانىڭ شۇملۇقىدىن ئەمەس) ئاللاھ نىڭ تەقدىرىدۇر، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى بۇنى (يەنى ئۇلارغا كەلگەن بالا - قازانىڭ ئۆز گۇناھلىرى تۈپەيلى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى ئۇقمايدۇ