22:52
وَمَا أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ مِن رَّسُولٍ وَلَا نَبِيٍّ إِلَّا إِذَا تَمَنَّىٰ أَلْقَى الشَّيْطَانُ فِي أُمْنِيَّتِهِ فَيَنسَخُ اللَّهُ مَا يُلْقِي الشَّيْطَانُ ثُمَّ يُحْكِمُ اللَّهُ آيَاتِهِ ۗ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
بىز سەندىن ئەۋەتكەن قايسىبىر رەسۇل، قايسىبىر پەيغەمبەر بولمىسۇن، ئۇ (ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرنى) ئوقۇغان چاغدا، شەيتان ھامان ئۇنىڭ قىرائىتىگە (شۈبھە) سالىدۇ. ئاللاھ شەيتاننىڭ سالغان شۈبھىسىنى بەربات قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى مۇستەھكەم قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
22:53
لِّيَجْعَلَ مَا يُلْقِي الشَّيْطَانُ فِتْنَةً لِّلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ وَالْقَاسِيَةِ قُلُوبُهُمْ ۗ وَإِنَّ الظَّالِمِينَ لَفِي شِقَاقٍ بَعِيدٍ
(ئاللاھ تائالانىڭ مۇنداق قىلىشى) دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) ئىللىتى بارلارنى، دىللىرى قەساۋەتلىشىپ كەتكەنلەرنى (يەنى ئەبۇجەھل، نەزر، ئۆتبەگە ئوخشاش ئاللاھ نىڭ زىكرىگە دىلى ئېرىمەس كۇففارلارنى) شەيتاننىڭ سالغان شۈبھىسى بىلەن سىناش ئۈچۈندۇر، زالىملار (يەنى يۇقىرىدىكى مۇناپىقلار، مۇشرىكلار) ھەقىقەتەن (ئاللاھ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە) قاتتىق ئاداۋەتتىدۇر
40:15
رَفِيعُ الدَّرَجَاتِ ذُو الْعَرْشِ يُلْقِي الرُّوحَ مِنْ أَمْرِهِ عَلَىٰ مَن يَشَاءُ مِنْ عِبَادِهِ لِيُنذِرَ يَوْمَ التَّلَاقِ
ئاللاھ نىڭ مەرتىۋىسى يۇقىرىدۇر، (ئاللاھ) ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، (خالايىق) مۇلاقات بولۇشىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆز ھۆكمى بويىچە بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمگە ۋەھيى چۈشۈرىدۇ