2:28
كَيْفَ تَكْفُرُونَ بِاللَّهِ وَكُنتُمْ أَمْوَاتًا فَأَحْيَاكُمْ ۖ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يُحْيِيكُمْ ثُمَّ إِلَيْهِ تُرْجَعُونَ
ئاللاھ نى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەركى، جانسىز ئىدىڭلار، سىلەرگە جان بەردى (يەنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ قارنىدا ئابىمەنىي ئىدىڭلار)، كېيىن (ئەجىلىڭلار توشقاندا) ئاللاھ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن كېيىن ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) قايتۇرۇلىسىلەر
22:66
وَهُوَ الَّذِي أَحْيَاكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يُحْيِيكُمْ ۗ إِنَّ الْإِنسَانَ لَكَفُورٌ
ئاللاھ سىلەرگە ھاياتلىق بېرىدۇ، ئاندىن سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىدۇ، ئاندىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، ئىنسان ھەقىقەتەن (ئاللاھ نىڭ نېمەتلىرىگە) ناشۈكۈرلۈك قىلغۇچىدۇر
30:40
اللَّهُ الَّذِي خَلَقَكُمْ ثُمَّ رَزَقَكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يُحْيِيكُمْ ۖ هَلْ مِن شُرَكَائِكُم مَّن يَفْعَلُ مِن ذَٰلِكُم مِّن شَيْءٍ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ
ئاللاھ سىلەرنى خەلق ئەتتى، ئاندىن سىلەرگە رىزىق بەردى. ئاندىن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدۇ، ئاندىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، شېرىك كەلتۈرگەنلىرىڭلاردىن قايسىسى بۇ ئىشلارنىڭ قايسىبىرىنى قىلالايدۇ، ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئالىيدۇر
45:26
قُلِ اللَّهُ يُحْيِيكُمْ ثُمَّ يُمِيتُكُمْ ثُمَّ يَجْمَعُكُمْ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ لَا رَيْبَ فِيهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنى تىرىلدۈرەلەيدۇ، ئاندىن (ئەجىلىڭلار پۈتكەندە) ۋاپات قىلدۇرالايدۇ، ئاندىن شەك - شۈبھىسىز قىيامەت كۈنىدە سىلەرنى يىغىدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى) بىلمەي (قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلدى)»