7:37
فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِآيَاتِهِ ۚ أُولَٰئِكَ يَنَالُهُمْ نَصِيبُهُم مِّنَ الْكِتَابِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءَتْهُمْ رُسُلُنَا يَتَوَفَّوْنَهُمْ قَالُوا أَيْنَ مَا كُنتُمْ تَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّهِ ۖ قَالُوا ضَلُّوا عَنَّا وَشَهِدُوا عَلَىٰ أَنفُسِهِمْ أَنَّهُمْ كَانُوا كَافِرِينَ
ئاللاھ قا يالغان چاپلىغان ياكى ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئۇلار لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان (رىزىقتىن ۋە ئەجەلدىن) ئۆز نېسىۋىسىنى كۆرىدۇ، ھەتتا بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەندىمۇ، ئۇلارغا: ‹‹ئاللاھ نى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟ ›› دەيدۇ، ئۇلار: ‹‹ئۇلار بىزدىن غايىب بولۇپ كەتتى›› دەيدۇ. ئۇلار كاپىر بولغانلىقلىرىغا ئۆزلىرىنڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى كاپىر بولغانلىقلىرىغا ئىقرار قىلىدۇ)
7:49
أَهَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ أَقْسَمْتُمْ لَا يَنَالُهُمُ اللَّهُ بِرَحْمَةٍ ۚ ادْخُلُوا الْجَنَّةَ لَا خَوْفٌ عَلَيْكُمْ وَلَا أَنتُمْ تَحْزَنُونَ
(ئەئرافتىكىلەر دوزىخىلار مۆمىنلەرنىڭ پېقىرلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ) سىلەر ئاللاھ نىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟ (مانا بۇلارغا) جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەرگە (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر (دېيىلدى دەيدۇ)
7:152
إِنَّ الَّذِينَ اتَّخَذُوا الْعِجْلَ سَيَنَالُهُمْ غَضَبٌ مِّن رَّبِّهِمْ وَذِلَّةٌ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُفْتَرِينَ
شۈبھىسىزكى موزاينى مەبۇد قىلىۋالغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ، بۇ دۇنيادا خارلىققا قالىدۇ، (ئاللاھ قا) بوھتان قىلغۇچىلارغا بىز مۇشۇنداق جازا بېرىمىز