5:14
وَمِنَ الَّذِينَ قَالُوا إِنَّا نَصَارَىٰ أَخَذْنَا مِيثَاقَهُمْ فَنَسُوا حَظًّا مِّمَّا ذُكِّرُوا بِهِ فَأَغْرَيْنَا بَيْنَهُمُ الْعَدَاوَةَ وَالْبَغْضَاءَ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ ۚ وَسَوْفَ يُنَبِّئُهُمُ اللَّهُ بِمَا كَانُوا يَصْنَعُونَ
بىز ناسارامىز دېگەنلەردىنمۇ (ئاللاھ نى بىر دەپ تونۇشقا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئىېيتىشقا) مەھكەم ئەھدە ئالدۇق، ئۇلار (ئىنجىلدا) ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنتۇدى، (بۇنىڭ جازاسى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قىيامەتكىچە ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك سالدۇق، (شۇ چاغدا) ئاللاھ ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قەبىھ ئەمەللىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ)
6:108
وَلَا تَسُبُّوا الَّذِينَ يَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّهِ فَيَسُبُّوا اللَّهَ عَدْوًا بِغَيْرِ عِلْمٍ ۗ كَذَٰلِكَ زَيَّنَّا لِكُلِّ أُمَّةٍ عَمَلَهُمْ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّهِم مَّرْجِعُهُمْ فَيُنَبِّئُهُم بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ
مۇشرىكلارنىڭ خۇدانى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىنى تىللىماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار بىلمىگەنلىكلىرىدىن ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھ نى تىللايدۇ. شۇنىڭدەك بىز ھەر ئۈممەتكە ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان جايى ئاللاھ نىڭ دەرگاھىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ياخشىغا مۇكاپات بېرىدۇ، ياماننى جازالايدۇ)
6:159
إِنَّ الَّذِينَ فَرَّقُوا دِينَهُمْ وَكَانُوا شِيَعًا لَّسْتَ مِنْهُمْ فِي شَيْءٍ ۚ إِنَّمَا أَمْرُهُمْ إِلَى اللَّهِ ثُمَّ يُنَبِّئُهُم بِمَا كَانُوا يَفْعَلُونَ
دىنىدا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ تۈرلۈك پىرقىلەرگە ئايرىلغانلاردىن سەن ئادا - جۇداسەن؛ ئۇلارنىڭ ئىشى پەقەت ئاللاھ غىلا خاستۇر (يەنى ئاللاھ نىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر)، كېيىن (يەنى ئاخىرەتتە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزىگە ئېيتىپ بېرىدۇ
24:64
أَلَا إِنَّ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ قَدْ يَعْلَمُ مَا أَنتُمْ عَلَيْهِ وَيَوْمَ يُرْجَعُونَ إِلَيْهِ فَيُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُوا ۗ وَاللَّهُ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ نىڭدۇر (يەنى ئاللاھ نىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ نىڭ مەخلۇقاتىدۇر، ئاللاھ نىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، بەندىلەر ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر
58:6
يَوْمَ يَبْعَثُهُمُ اللَّهُ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُوا ۚ أَحْصَاهُ اللَّهُ وَنَسُوهُ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ شَهِيدٌ
ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ (دۇنيادىكى چاغدا قىلغان) قىلمىشلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى (نامە - ئەمالىغا) خاتىرىلەپ قويغان، ئۇلار بولسا ئۇنتۇپ قالغان، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر
58:7
أَلَمْ تَرَ أَنَّ اللَّهَ يَعْلَمُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ مَا يَكُونُ مِن نَّجْوَىٰ ثَلَاثَةٍ إِلَّا هُوَ رَابِعُهُمْ وَلَا خَمْسَةٍ إِلَّا هُوَ سَادِسُهُمْ وَلَا أَدْنَىٰ مِن ذَٰلِكَ وَلَا أَكْثَرَ إِلَّا هُوَ مَعَهُمْ أَيْنَ مَا كَانُوا ۖ ثُمَّ يُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُوا يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
ئاللاھ نىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ئۈچ ئادەم پىچىرلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۆتىنچىسىدۇر، بەش ئادەم پىچىرلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالتىنچىسىدۇر، مەيلى ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ ئادەم پىچىرلاشسۇن، ئۇلار قەيەردە بولمىسۇن، ئاللاھ ھامان ئۇلار بىلەن بىللىدۇر، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر