18:43
وَلَمْ تَكُن لَّهُ فِئَةٌ يَنصُرُونَهُ مِن دُونِ اللَّهِ وَمَا كَانَ مُنتَصِرًا
ئۇنىڭغا ئاللاھ تىن باشقا ياردەم قىلىدىغان (يەنى ئۇنىڭدىن بۇ بالانى دەپئى قىلىدىغان) ھېچ جامائە بولمىدى، ئۆزىگىمۇ ئۆزى ياردەم قىلالمىدى (يەنى بالانى ئۆزىدىن دەپئى قىلالمىدى)
28:81
فَخَسَفْنَا بِهِ وَبِدَارِهِ الْأَرْضَ فَمَا كَانَ لَهُ مِن فِئَةٍ يَنصُرُونَهُ مِن دُونِ اللَّهِ وَمَا كَانَ مِنَ الْمُنتَصِرِينَ
قارۇننى ئۇنىڭ ئۆيى بىلەن قوشۇپ يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇنىڭدىن ئاللاھ نىڭ ئازابىنى دەپئى قىلىدىغان بىر جامائە بولمىدى. قارۇن ئۆزىنى قوغدىيالمىدى
42:46
وَمَا كَانَ لَهُم مِّنْ أَوْلِيَاءَ يَنصُرُونَهُم مِّن دُونِ اللَّهِ ۗ وَمَن يُضْلِلِ اللَّهُ فَمَا لَهُ مِن سَبِيلٍ
ئۇلارغا ئاللاھ تىن باشقا ياردەم بېرىدىغان دوستلار بولمايدۇ، ئاللاھ كىمنى گۇمراھ قىلسا، ئۇنىڭغا (ئۇنى دۇنيادا ھەقكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشتۈرگۈچى) ھېچ يول بولمايدۇ
59:12
لَئِنْ أُخْرِجُوا لَا يَخْرُجُونَ مَعَهُمْ وَلَئِن قُوتِلُوا لَا يَنصُرُونَهُمْ وَلَئِن نَّصَرُوهُمْ لَيُوَلُّنَّ الْأَدْبَارَ ثُمَّ لَا يُنصَرُونَ
ئەگەر ئۇلار ھەيدەپ چىقىرىلسا، مۇناپىقلار ئۇلار بىلەن بىللە چىقمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىلسا، مۇناپىقلار ئۇلارغا ياردەم بەرمەيدۇ، بەرگەن تەقدىردىمۇ يۈز ئۆرۈپ قاچىدۇ، ئەھلى كىتاب ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ