3:33
إِنَّ اللَّهَ اصْطَفَىٰ آدَمَ وَنُوحًا وَآلَ إِبْرَاهِيمَ وَآلَ عِمْرَانَ عَلَى الْعَالَمِينَ
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئادەمنى، نۇھنى، ئىبراھىم ئەۋلادىنى، ئىمران ئەۋلادىنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللاپ، (ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ زامانىدىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلدى
4:163
إِنَّا أَوْحَيْنَا إِلَيْكَ كَمَا أَوْحَيْنَا إِلَىٰ نُوحٍ وَالنَّبِيِّينَ مِن بَعْدِهِ ۚ وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطِ وَعِيسَىٰ وَأَيُّوبَ وَيُونُسَ وَهَارُونَ وَسُلَيْمَانَ ۚ وَآتَيْنَا دَاوُودَ زَبُورًا
(ئى مۇھەممەد!) بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى قىلغاندەك، ھەقىقەتەن ساڭا ۋەھيى قىلدۇق ھەمدە ئىبىراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا، يەئقۇبنىڭ ئەۋلادلىرىغا، ئىساغا، ئەييۇبقا، يۇنۇسقا، ھارۇنغا، سۇلايمانغا ۋەھيى قىلدۇق، داۋۇدقا زەبۇرنى ئاتا قىلدۇق
7:59
لَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ فَقَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُم مِّنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ
شەك شۈبھىسىزكى، نۇھنى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: ‹‹ئى قەۋمىم! ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە ئاللاھ تىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن›› دېدى
7:60
قَالَ الْمَلَأُ مِن قَوْمِهِ إِنَّا لَنَرَاكَ فِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ
قەۋمىنىڭ چوڭلىرى: ‹‹بىز سېنى ھەقىقەتەن روشەن گۇمراھلىقتا كۆرۈمىز›› دېدى
7:61
قَالَ يَا قَوْمِ لَيْسَ بِي ضَلَالَةٌ وَلَٰكِنِّي رَسُولٌ مِّن رَّبِّ الْعَالَمِينَ
نۇھ ئېيتتى: ‹‹ئى قەۋمىم! مەن قىلچىمۇ گۇمراھ ئەمەسمەن، لېكىن مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن
7:62
أُبَلِّغُكُمْ رِسَالَاتِ رَبِّي وَأَنصَحُ لَكُمْ وَأَعْلَمُ مِنَ اللَّهِ مَا لَا تَعْلَمُونَ
سىلەرگە پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزىمەن، سىلەرگە نەسىھەت قىلىمەن، مەن ئاللاھ نىڭ ۋەھيى قىلىشى بىلەن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن
7:63
أَوَعَجِبْتُمْ أَن جَاءَكُمْ ذِكْرٌ مِّن رَّبِّكُمْ عَلَىٰ رَجُلٍ مِّنكُمْ لِيُنذِرَكُمْ وَلِتَتَّقُوا وَلَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ
سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، (كۇفرىدىن) ساقلىنىشىڭلار ۋە ئاللاھ نىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئاراڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھيىسى كېلىشىدىن ئەجەبلەنمەمسىلەر؟ ››
7:64
فَكَذَّبُوهُ فَأَنجَيْنَاهُ وَالَّذِينَ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ وَأَغْرَقْنَا الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا عَمِينَ
ئۇلار نۇھنى ئىنكار قىلدى، نۇھنى ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا) غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ھەقنى كۆرۈشتىن دىللىرى) كور قەۋم ئىدى
10:71
وَاتْلُ عَلَيْهِمْ نَبَأَ نُوحٍ إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ إِن كَانَ كَبُرَ عَلَيْكُم مَّقَامِي وَتَذْكِيرِي بِآيَاتِ اللَّهِ فَعَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْتُ فَأَجْمِعُوا أَمْرَكُمْ وَشُرَكَاءَكُمْ ثُمَّ لَا يَكُنْ أَمْرُكُمْ عَلَيْكُمْ غُمَّةً ثُمَّ اقْضُوا إِلَيَّ وَلَا تُنظِرُونِ
ئۇلارغا نۇھنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! ئەگەر سىلەرگە مېنىڭ ئىچىڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە سىلەرنى ئاللاھ نىڭ ئايەتلىرى بىلەن قورقۇتۇشۇم ئېغىر كەلگەن بولسا، مەن ئاللاھ قا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى ئاللاھ قا يۆلەندىم، سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن). سىلەر بۇتلىرىڭلار بىلەن بىرلىكتە (مېنى قەستلەيدىغان) ئىشىڭلارنى قارار قىلىۋېرىڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە تۇتۇق بولۇپ قالمىسۇن (يەنى مېنى قەستلەيدىغان ئىشىڭلار ئاشكارا بولسۇن)، ئاندىن مېنى بىردەممۇ كېچىكتۈرمەي، مېنىڭ ھەققىمدە (خالىغىنىڭلارنى) ئىجرا قىلىۋېرىڭلار
10:72
فَإِن تَوَلَّيْتُمْ فَمَا سَأَلْتُكُم مِّنْ أَجْرٍ ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى اللَّهِ ۖ وَأُمِرْتُ أَنْ أَكُونَ مِنَ الْمُسْلِمِينَ
ئەگەر سىلەر (مېنىڭ نەسىھىتىمدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەردىن (يۈز ئۆرۈشۈڭلارغا سەۋەبچى بولىدىغان) ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھ تىن سورايمەن، مەن (ئاللاھ قا) بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم» دېدى
10:73
فَكَذَّبُوهُ فَنَجَّيْنَاهُ وَمَن مَّعَهُ فِي الْفُلْكِ وَجَعَلْنَاهُمْ خَلَائِفَ وَأَغْرَقْنَا الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۖ فَانظُرْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُنذَرِينَ
لېكىن ئۇلار نۇھنى يالغانچى قىلدى. ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغۇچى (مۆمىن) لەرنى قۇتقۇزدۇق، ئۇلارنى (يەنى بىز قۇتقۇزغان كىشىلەرنى) (غەرق بولغانلارنىڭ) ئورۇنباسارلىرى قىلدۇق، بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى (توپان بالاسى بىلەن) غەرق قىلدۇق، (ئى مۇھەممەد!) ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلار (يەنى پەيغەمبەرلىرىنى يالغانچى قىلغانلار) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن
11:25
وَلَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ إِنِّي لَكُمْ نَذِيرٌ مُّبِينٌ
شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: «مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن
11:26
أَن لَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ ۖ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ أَلِيمٍ
بىر ئاللاھ تىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار، سىلەرنىڭ قاتتىق كۈننىڭ ئازابىغا ئۇچرىشىڭلاردىن قورقىمەن» دېدى
11:27
فَقَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِن قَوْمِهِ مَا نَرَاكَ إِلَّا بَشَرًا مِّثْلَنَا وَمَا نَرَاكَ اتَّبَعَكَ إِلَّا الَّذِينَ هُمْ أَرَاذِلُنَا بَادِيَ الرَّأْيِ وَمَا نَرَىٰ لَكُمْ عَلَيْنَا مِن فَضْلٍ بَلْ نَظُنُّكُمْ كَاذِبِينَ
ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىر كاتتىلىرى: «بىزنىڭچە، سەن پەقەت بىزگە ئوخشاش بىر ئادەمسەن، بىزنىڭچە، ئارىمىزدىكى پەس كىشىلەر يەڭگىللىك بىلەن ساڭا ئەگەشكەن، بىزنىڭچە، سىلەرنىڭ ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق، بەلكى بىز سىلەرنى يالغانچى دەپ ئويلايمىز» دېدى
11:28
قَالَ يَا قَوْمِ أَرَأَيْتُمْ إِن كُنتُ عَلَىٰ بَيِّنَةٍ مِّن رَّبِّي وَآتَانِي رَحْمَةً مِّنْ عِندِهِ فَعُمِّيَتْ عَلَيْكُمْ أَنُلْزِمُكُمُوهَا وَأَنتُمْ لَهَا كَارِهُونَ
نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، ئېيتىڭلارچۇ، مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان (دەۋىتىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدىغان) ئېنىق دەلىلگە ئاساسلانسام ۋە ئۇنىڭ رەھمىتىگە (يەنى پەيغەمبەرلىككە) سازاۋەر بولغان بولسام، ئۇ دەلىل سىلەر ئۈچۈن مەخپىي بولسا، ئۇنى يامان كۆرسەڭلار، ئۇنى قوبۇل قىلىشقا سىلەرنى مەجبۇرلامدۇق؟
11:29
وَيَا قَوْمِ لَا أَسْأَلُكُمْ عَلَيْهِ مَالًا ۖ إِنْ أَجْرِيَ إِلَّا عَلَى اللَّهِ ۚ وَمَا أَنَا بِطَارِدِ الَّذِينَ آمَنُوا ۚ إِنَّهُم مُّلَاقُو رَبِّهِمْ وَلَٰكِنِّي أَرَاكُمْ قَوْمًا تَجْهَلُونَ
ئى قەۋمىم! سىلەرگە (دىننى) تەبلىغ قىلغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن پۇل - مال تەلەپ قىلمايمەن، ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان، مەن ئىمان ئېيتقان كىشىلەرنى (يېنىمدىن) قوغلىۋەتمەيمەن، (چۈنكى) ئۇلار، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدۇ، لېكىن مەن سىلەرنى نادان قەۋم كۆرۈمەن
11:30
وَيَا قَوْمِ مَن يَنصُرُنِي مِنَ اللَّهِ إِن طَرَدتُّهُمْ ۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ
ئى قەۋمىم! ئەگەر مەن ئۇلارنى قوغلىۋەتسەم، ئاللاھ نىڭ ئازابىدىن مېنى كىم قۇتقۇزالايدۇ؟ ئويلىنىپ باقمامسىلەر؟
11:31
وَلَا أَقُولُ لَكُمْ عِندِي خَزَائِنُ اللَّهِ وَلَا أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلَا أَقُولُ إِنِّي مَلَكٌ وَلَا أَقُولُ لِلَّذِينَ تَزْدَرِي أَعْيُنُكُمْ لَن يُؤْتِيَهُمُ اللَّهُ خَيْرًا ۖ اللَّهُ أَعْلَمُ بِمَا فِي أَنفُسِهِمْ ۖ إِنِّي إِذًا لَّمِنَ الظَّالِمِينَ
مەن سىلەرگە، مەندە ئاللاھ نىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن، غەيبنى بىلىمەن دېمەيمەن، مەن ئەلۋەتتە (ئۆزۈمنى) پەرىشتە دەپمۇ ئېيتمايمەن ھەمدە سىلەر كۆزگە ئىلمايدىغان كىشىلەرنى ئاللاھ ئۇلارغا ياخشىلىق بەرمەيدۇ دېمەيمەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، بولمىسا مەن چوقۇم زالىملاردىن بولۇپ قالىمەن»
11:32
قَالُوا يَا نُوحُ قَدْ جَادَلْتَنَا فَأَكْثَرْتَ جِدَالَنَا فَأْتِنَا بِمَا تَعِدُنَا إِن كُنتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
ئۇلار (يەنى نۇھنىڭ قەۋمى): «ئى نۇھ! بىز بىلەن مۇنازىرلەشتىڭ، ناھايىتى كۆپ مۇنازىرلەشتىڭ. ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزنى قورقۇتقان ئازابنى چۈشۈرۈپ باققىن» دېدى
11:33
قَالَ إِنَّمَا يَأْتِيكُم بِهِ اللَّهُ إِن شَاءَ وَمَا أَنتُم بِمُعْجِزِينَ
نۇھ ئېيتتى: «ئۇنى (يەنى ئازابنى) ئەگەر خالىسا ئاللاھ لا چۈشۈرەلەيدۇ، سىلەر ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر