2:133
أَمْ كُنتُمْ شُهَدَاءَ إِذْ حَضَرَ يَعْقُوبَ الْمَوْتُ إِذْ قَالَ لِبَنِيهِ مَا تَعْبُدُونَ مِن بَعْدِي قَالُوا نَعْبُدُ إِلَٰهَكَ وَإِلَٰهَ آبَائِكَ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ إِلَٰهًا وَاحِدًا وَنَحْنُ لَهُ مُسْلِمُونَ
يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىدىن: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن سىلەر كىمگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا - بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھ قا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز» دېدى
2:134
تِلْكَ أُمَّةٌ قَدْ خَلَتْ ۖ لَهَا مَا كَسَبَتْ وَلَكُم مَّا كَسَبْتُمْ ۖ وَلَا تُسْأَلُونَ عَمَّا كَانُوا يَعْمَلُونَ
ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى (نىڭ ساۋابى) ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار (نىڭمۇ ساۋابى) ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس
6:83
وَتِلْكَ حُجَّتُنَا آتَيْنَاهَا إِبْرَاهِيمَ عَلَىٰ قَوْمِهِ ۚ نَرْفَعُ دَرَجَاتٍ مَّن نَّشَاءُ ۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٌ
ئۆز قەۋمىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىبراھىمغا بەرگەن دەلىلىمىز ئەنە شۇدۇر، خالىغان كىشىمىزنى بىر قانچە دەرىجە كۆتۈرىمىز، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر
6:84
وَوَهَبْنَا لَهُ إِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ ۚ كُلًّا هَدَيْنَا ۚ وَنُوحًا هَدَيْنَا مِن قَبْلُ ۖ وَمِن ذُرِّيَّتِهِ دَاوُودَ وَسُلَيْمَانَ وَأَيُّوبَ وَيُوسُفَ وَمُوسَىٰ وَهَارُونَ ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ھىدايەت قىلدۇق. (ئىبراھىمدىن) ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلدۇق، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىن داۋۇد، سۇلايمان، ئەييۇب، يۇسۇف، مۇسا، ھارۇنلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
11:69
وَلَقَدْ جَاءَتْ رُسُلُنَا إِبْرَاهِيمَ بِالْبُشْرَىٰ قَالُوا سَلَامًا ۖ قَالَ سَلَامٌ ۖ فَمَا لَبِثَ أَن جَاءَ بِعِجْلٍ حَنِيذٍ
شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئەلچىلىرىمىز (يەنى پەرىشتىلەر) ئىبراھىمغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدى. ئۇلار: «ساڭا ئامانلىق تىلەيمىز» دېدى. ئىبراھىم: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمەن» دېدى. ئۇ ئۇزاققا قالماي بىر موزاينى كاۋاپ قىلىپ ئېلىپ كەلدى
11:70
فَلَمَّا رَأَىٰ أَيْدِيَهُمْ لَا تَصِلُ إِلَيْهِ نَكِرَهُمْ وَأَوْجَسَ مِنْهُمْ خِيفَةً ۚ قَالُوا لَا تَخَفْ إِنَّا أُرْسِلْنَا إِلَىٰ قَوْمِ لُوطٍ
ئۇلارنىڭ (يەنى پەرىشتىلەرنىڭ) ئۇنىڭغا قول ئۇزاتمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى خوش كۆرمىدى، ئۇلاردىن قورقۇنچ ھېس قىلدى، ئۇلار: «قورقمىغىن (بىز رەببىڭنىڭ پەرىشتىلىرى، تاماق يېمەيمىز)، بىز ھەقىقەتەن لۇتنىڭ قەۋمىنى (ھالاك قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدۇق» دېدى
11:71
وَامْرَأَتُهُ قَائِمَةٌ فَضَحِكَتْ فَبَشَّرْنَاهَا بِإِسْحَاقَ وَمِن وَرَاءِ إِسْحَاقَ يَعْقُوبَ
ئۇنىڭ ئايالى (يەنى سارە) بىر تەرەپتە تۇرۇپ (لۇت قەۋمىنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىدىن خۇشاللىنىپ) كۈلدى، بىز ئۇنىڭغا (يەنى سارەگە) ئىسھاق (ئاتلىق بالىسى بولىدىغانلىقى) بىلەن ۋە ئىسھاقتىن كېيىن كېلىدىغان يەئقۇب (ئاتلىق نەۋرىسى بولىدىغانلىقى) بىلەن خۇش خەۋەر بەردۇق
12:4
إِذْ قَالَ يُوسُفُ لِأَبِيهِ يَا أَبَتِ إِنِّي رَأَيْتُ أَحَدَ عَشَرَ كَوْكَبًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ رَأَيْتُهُمْ لِي سَاجِدِينَ
ئۆز ۋاقتىدا يۇسۇف ئۆز ئاتىسىغا: «ئى ئاتا! مەن ھەقىقەتەن چۈشۈمدە 11 يۇلتۇزنىڭ ۋە ئاي بىلەن كۈننىڭ ماڭا سەجدە قىلغانلىقىنى كۆردۈم» دېدى
12:5
قَالَ يَا بُنَيَّ لَا تَقْصُصْ رُؤْيَاكَ عَلَىٰ إِخْوَتِكَ فَيَكِيدُوا لَكَ كَيْدًا ۖ إِنَّ الشَّيْطَانَ لِلْإِنسَانِ عَدُوٌّ مُّبِينٌ
ئاتىسى (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام): «ئى ئوغلۇم! چۈشۈڭنى قېرىنداشلىرىڭغا ئېيتمىغىن، ساڭا سۇيىقەست قىلىپ قالمىسۇن، شەيتان ئىنسانغا ھەقىقەتەن ئاشكارا دۈشمەندۇر» دېدى
12:6
وَكَذَٰلِكَ يَجْتَبِيكَ رَبُّكَ وَيُعَلِّمُكَ مِن تَأْوِيلِ الْأَحَادِيثِ وَيُتِمُّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكَ وَعَلَىٰ آلِ يَعْقُوبَ كَمَا أَتَمَّهَا عَلَىٰ أَبَوَيْكَ مِن قَبْلُ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْحَاقَ ۚ إِنَّ رَبَّكَ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
شۇنىڭغا (يەنى ساڭا ئۇلۇغ چۈش كۆرسەتكىنىگە) ئوخشاش، پەرۋەردىگارىڭ سېنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللايدۇ، ساڭا چۈش تەبىرىنى بىلدۈرىدۇ، ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاقلارغا ئىلگىرى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بەرگىنىدەك، ساڭىمۇ، يەئقۇب ئەۋلادىغىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ نېمىتىنى بېرىدۇ. شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ (ئۆز مەرھەمىتىگە كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
12:7
لَّقَدْ كَانَ فِي يُوسُفَ وَإِخْوَتِهِ آيَاتٌ لِّلسَّائِلِينَ
يۇسۇفنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ (قىسسىسىدە) سورىغۇچىلار ئۈچۈن ئاللاھ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار
12:8
إِذْ قَالُوا لَيُوسُفُ وَأَخُوهُ أَحَبُّ إِلَىٰ أَبِينَا مِنَّا وَنَحْنُ عُصْبَةٌ إِنَّ أَبَانَا لَفِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار: «يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى (يەنى بۇنيامىن) ئاتىمىزغا بىزدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر، ھالبۇكى، بىز (كۈچلۈك) جامائەدۇرمىز، ئاتىمىز (نىڭ ئۇ ئىككىسىنى بىزدىن ئارتۇق كۆرۈشى) ئەلۋەتتە روشەن خاتادۇر» دېيىشتى
12:9
اقْتُلُوا يُوسُفَ أَوِ اطْرَحُوهُ أَرْضًا يَخْلُ لَكُمْ وَجْهُ أَبِيكُمْ وَتَكُونُوا مِن بَعْدِهِ قَوْمًا صَالِحِينَ
(ئۇلار) «يۇسۇفنى ئۆلتۈرۋېتىڭلار، ياكى ئۇنى يىراق بىر چەت جايغا تاشلىۋېتىڭلار، (شۇ چاغدا) ئاتاڭلارنىڭ مۇھەببىتى سىلەرگە قالىدۇ، بۇ (گۇناھ) تىن كېيىن (تەۋبە قىلىپ) ياخشى ئادەم بولۇپ كېتىسىلەر» دېيىشتى
12:10
قَالَ قَائِلٌ مِّنْهُمْ لَا تَقْتُلُوا يُوسُفَ وَأَلْقُوهُ فِي غَيَابَتِ الْجُبِّ يَلْتَقِطْهُ بَعْضُ السَّيَّارَةِ إِن كُنتُمْ فَاعِلِينَ
ئۇلاردىن بىرى سۆز قىلىپ: «يۇسۇفنى ئۆلتۈرمەڭلار، (ئەگەر ئۇنى ئاتىسىدىن يىراق قىلماقچى بولساڭلار، ئۇنى قۇدۇققا تاشلىۋېتىڭلار، ئۇنى يولدىن ئۆتكەن كارۋان ئېلىۋالسۇن» دېدى
12:11
قَالُوا يَا أَبَانَا مَا لَكَ لَا تَأْمَنَّا عَلَىٰ يُوسُفَ وَإِنَّا لَهُ لَنَاصِحُونَ
ئۇلار ئېيتتى: «ئى ئاتىمىز! نېمىشقا يۇسۇف تورىسىدا بىزگە ئىشەنمەيسەن؟ ھالبۇكى، بىز ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ياخشى نىيەتتىمىز
12:12
أَرْسِلْهُ مَعَنَا غَدًا يَرْتَعْ وَيَلْعَبْ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ
ئەتە ئۇنى بىزگە قوشۇپ قويغىن، يەپ - ئىچىپ، ئويناپ - كۈلۈپ كىرسۇن، ئۇنى بىز چوقۇم ياخشى مۇھاپىزەت قىلىمىز»
12:13
قَالَ إِنِّي لَيَحْزُنُنِي أَن تَذْهَبُوا بِهِ وَأَخَافُ أَن يَأْكُلَهُ الذِّئْبُ وَأَنتُمْ عَنْهُ غَافِلُونَ
يەئقۇب: «ئۇنى (يەنى يۇسۇفنى) ئېلىپ كەتسەڭلار راستلا خاتىرجەم بولالمايمەن، سىلەر غەپلەتتە قېلىپ، ئۇنى بۆرە يەپ قويۇشتىن ئەنسىرەيمەن» دېدى
12:14
قَالُوا لَئِنْ أَكَلَهُ الذِّئْبُ وَنَحْنُ عُصْبَةٌ إِنَّا إِذًا لَّخَاسِرُونَ
ئۇلار: «بىز (كۈچلۈك) بىر جامائە تۇرۇقلۇق، ئۇنى بۆرىگە يېگۈزۈپ قويساق، ئۇ چاغدا بىز ئەلۋەتتە - زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز» دېدى
12:15
فَلَمَّا ذَهَبُوا بِهِ وَأَجْمَعُوا أَن يَجْعَلُوهُ فِي غَيَابَتِ الْجُبِّ ۚ وَأَوْحَيْنَا إِلَيْهِ لَتُنَبِّئَنَّهُم بِأَمْرِهِمْ هَٰذَا وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
ئۇلار يۇسۇفنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن ۋە ئۇنى قۇدۇققا تاشلاشنى بىردەك قارار قىلىشقان چاغدا، بىز يۇسۇفكە: «كەلگۈسىدە ئۇلارغا بۇ ئىشنى (سېنىڭ يۇسۇف ئىكەنلىكىڭنى) ئۇلار ئۇقمايدىغان پەيتتە ئېيتقىن» دەپ ۋەھيى قىلدۇق
12:16
وَجَاءُوا أَبَاهُمْ عِشَاءً يَبْكُونَ
ئۇلار كەچتە ئاتىسىنىڭ ئالدىغا يىغلاپ كېلىشتى