6:85
وَزَكَرِيَّا وَيَحْيَىٰ وَعِيسَىٰ وَإِلْيَاسَ ۖ كُلٌّ مِّنَ الصَّالِحِينَ
زەكەرىيا، يەھيا، ئىسا ۋە ئىلياسلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر
37:123
وَإِنَّ إِلْيَاسَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر
37:124
إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ أَلَا تَتَّقُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «(ئاللاھ تىن) قورقمامسىلەر؟
37:125
أَتَدْعُونَ بَعْلًا وَتَذَرُونَ أَحْسَنَ الْخَالِقِينَ
سىلەر ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى (ئاللاھ نى) تەرك ئېتىپ، بەئلى (ناملىق بۇت) گە چوقۇنامسىلەر؟
37:126
اللَّهَ رَبَّكُمْ وَرَبَّ آبَائِكُمُ الْأَوَّلِينَ
ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە بۇرۇنقى ئاتا - بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»
37:127
فَكَذَّبُوهُ فَإِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ
ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك - شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئازابقا) ھازىر قىلىنىدۇ
37:128
إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
پەقەت ئاللاھ نىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا
37:129
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ
كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى ئىلياسقا) ياخشى نام قالدۇردۇق
37:130
سَلَامٌ عَلَىٰ إِلْ يَاسِينَ
ئىلياسقا (بىزدىن) سالام بولسۇن!
37:131
إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز
37:132
إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
ھەقىقەتەن ئۇ بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر